باش بەت>باش ماقالە

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2021-01-01 09:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئارزۇگۈل مۆمىن

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 30-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىدىيە، قاراشتىكى ئاسارەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەيۋەتلىك، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان-ۋەزىپىلەر ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ مۇقىملىشىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئىسلاھاتتا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش، تېخىمۇ زور نەتىجىنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خۇلاسىلەش-باھالاش دوكلاتى قاراپ چىقىلدى. يىغىندا «مەركەز كارخانىلىرىدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى شىركەت ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىساد سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مۇھىت ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى»، «ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن تەرتىپلىك ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «باج ئىشلىرىدا قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «بېيجىڭ پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىللاردىكى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بىز ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيەلەر، قوللانغان بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەر، قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار مۇھىم، زور بۆسۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى. بىرىنچى، بۇ، ئىدىيە، نەزەرىيەدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز ئىدىيە، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ئىدىيە، نەزەرىيەنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي نىشانى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى-يولى قاتارلىق جەھەتلەردىن بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك مۇھىم ئىدىيە ۋە مۇھىم، زور ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىمىز قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردۇق. ئىككىنچى، بۇ، ئىسلاھاتنى تەشكىللەش شەكلىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاساسنى پۇختىلاپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىش، ئاساسىي رامكا تۇرغۇزۇشتىن ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، يەنە ھازىرقى باسقۇچتىكى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى كۈچەيتىشكىچە، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇ، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسۇق، سىياسەت خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىنى تېز ھەم پۇختا، كۈچلۈك ھەم تەرتىپلىك ھەل قىلدۇق، يۆنىلىش، نىشان ئېنىق، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ئايدىڭ، ئۇسۇل، يول يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، دائىرىلىك ئىزدىنىش، يېڭى باشلاش، بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ئۈچىنچى، بۇ، دۆلەت تۈزۈمى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز باشتىن-ئاخىر تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈم رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈپ تۈزۈمنى مۇستەھكەملىدۇق، ئاساسىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈردۇق، مۇھىم تۈزۈمدە يېڭىلىق ياراتتۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى قاتارلىق مۇساپىلەردە تۈزۈم قۇرۇلۇشى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئىسلاھاتنىڭ ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولۇش رولى تولۇق نامايان قىلىندى. مەيلى ئىسلاھاتنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىدىن قارىغاندا، ياكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىسلاھاتقا بولغان ئەمەلىي سىنىقىدىن قارىغاندا بولسۇن، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى روشەن دەۋر خاراكتېرىگە ۋە ئەمەلىيەت خاراكتېرىگە ئىگە. تۆتىنچى، بۇ، خەلق كەڭ دائىرىدە قاتناشقان بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. بىز خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى خەلقنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن تاشنى سىلاپ دەريادىن ئۆتۈشنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىن يولغا قويۇش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى تۇتۇپ نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بەس-بەستە ئۇرغۇغان، تولۇق قوزغىتىلغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات يولىدا يەنىلا نۇرغۇن مۇرەككەپ زىددىيەت ۋە مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، بىز نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىقنى يەڭدۇق، لېكىن يەنە يېڭىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن قاتتىق قىيىنچىلىق بار، بىز نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يەڭدۇق، لېكىن يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك نىشان-ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئۇللۇق ۋە مۇھىم، زور يېتەكلەش رولىغا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتا تولۇق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش ۋە جىپسىلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان پۇرسەت، شەكىل، رىتىمنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش بىلەن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى بىرلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىسلاھاتنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) بىلەن مۇدىرىيەت، دىرېكتورلار قاتلىمى قاتارلىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت قانۇندا بەلگىلەنگەن، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئاشكارا بولغان، ماس يۈرۈشىدىغان، ئۈنۈملۈك چەكلەيدىغان شىركەت ئىدارە قىلىش مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىي قىلىدىغان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلىتىمىزنىڭ بايلىق، مۇھىت، ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل يىرىك پىلان، يېشىل لايىھە، يېشىل سېلىنما، يېشىل قۇرۇلۇش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل ئوبوروت، يېشىل تۇرمۇش، يېشىل ئىستېمالنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق يولغا قويۇپ، تەرەققىياتنى بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى قانۇن بويىچە ئاشكارىلاش كارخانا مۇھىتىنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئۇل خاراكتېرلىك مەزمۇنى. ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، دىققەتنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ۋە پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇھىم، زور تەسىر كۆرسىتىدىغان، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كارخانىلارنىڭ مۇھىت ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشكارىلاش، قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلار تەلەپچان، باشقۇرۇش ئۈنۈملۈك، نازارەت قىلىش قاتتىق، تىرىكى كۈچلۈك بولغان مۇھىت ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلاردىن تەرتىپلىك ئورتاق بەھرىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، قوللىنىشقا يېتەكلەش، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولۇش، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش بىخەتەرلىكى تۈزۈم سىستېمىسى، باشقۇرۇش سىستېمىسى، تېخنىكا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، تارماقلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خامچوت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خامچوتنى قانۇن بويىچە بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى بېجىرىدىغان تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خامچوتنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەتخەجلىك قىلىش، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق قاتارلىق ھادىسىلەرنى تۈگىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكى، بايراقنى كۆتۈرۈش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باج ئىشلىرىدا قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇشتا باج ئىشلىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدىيەسى، شەكلى، ۋاسىتىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، دەل جايىدا قانۇن ئىجرا قىلىش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش، دەل جايىدا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش، سەمىمىي ئورتاق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، باج قانۇنىغا ئەمەل قىلىش دەرىجىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، باج يىغىش، باج تاپشۇرۇش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، باجنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئۇللۇق، تۈۋرۈكلۈك، كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، ياخشى پۇل مۇئامىلە قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىش، ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بېيجىڭ دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش مەركىزى، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، رايوننىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ۋە ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە دېلولىرىغا قارىتا باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە بويىچە سوت قىلىش تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇل مۇئامىلە بويىچە سوت قىلىشنىڭ كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.