باش بەت>باش ماقالە

شى جىنپىڭ جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2021-02-11 07:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى

2-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

2-ئاينىڭ 9-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىن شەكلىدە جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا سىن شەكلىدە جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، چېخ، مونتېنېگرو، پولشا، سېربىيە، ئالبانىيە، كىرودىيە، گىرېتسىيە، ۋېنگرىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، سىلوۋاكىيە، بۇلغارىيە، سىلوۋېنىيە، ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، رۇمىنىيە قاتارلىق ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ «قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئەمەلىيەتچىل، تەڭپۇڭ بولۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇش كۆپ تەرەپچىللىكتىكى جانلىق ئەمەلىيەت، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورتاق تەرەققىيات ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى توققۇز يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. توققۇز يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋاقىت ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم ھەرقايسى تەرەپلەر قوبۇل قىلىدىغان ھەمكارلىق پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈردى.

بىرىنچى، ئىش بولسا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىردى. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىشتا قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمىدى، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بەردى.

ئىككىنچى، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ ھەممىسى ھوسۇلغا ئېرىشتى. دىققەتنى ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىقنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد بىلەن ئادىمىيەتنى بىرىكتۈرۈشتە، سودا بىلەن مەبلەغ سېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردى. توققۇز يىل ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا سوممىسى %85كە يېقىن ئاشتى، قوش يۆنىلىشلىك ساياھەتتە بېرىش-كېلىش قىلغان ئادەم سانى تۆت ھەسسىگە يېقىن ئاشتى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى كۆپ قىسىم ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى قاپلىدى، زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ نەتىجىلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلدى. ئۆزئارا ئۆگىنىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى. كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق پەرقلەرنى تۈگىتىش، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى. ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان خەلقئارا قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، بازار پىرىنسىپىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشقا دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئېلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۆتىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلدى. باشلامچىلىق بىلەن رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى، باشلامچىلىق بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رايوندا تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز خىرىسقا تولغان دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. مىسلىسىز خىرىسقا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىسلىسىز ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شى جىنپىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى، تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، يۇقۇم خىرىسىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىدىغان ھەمكارلىق ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت-دورىگەرلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سەھىيە-داۋالاش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋاكسىنا ھەمكارلىق ئېھتىياجىنى پائال ئويلىشىشنى خالايدۇ. سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

ئىككىنچى، دىققەتنى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان تەرەققىياتتىكى ھەمكارلىق تومۇرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. يۇغۇرۇلۇش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاش كېرەك. تاموژنا سودا بىخەتەرلىكى ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئاقىل تاموژنا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا، ئەقلىي بەھرىمەن بولىدىغان تۇتاشتۇرۇش» ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قىممىتى جەمئىي 170 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان تاۋار ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىدى. ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش ئىجازىتى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش سوممىسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك سودا سوممىسىنى %50 ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ھەمكارلىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نىڭبو، ساڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئۈلگە رايونى، كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەنتەربىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

تۆتىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ھەمكارلىق ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، 2021-يىلىدىكى «جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە مۇھىت قوغداش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، يېشىل ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش، جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، ساغلاملىق كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ھەمكارلىق سۆزلىشىش مېخانىزمى ۋە جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاممىۋى ساغلاملىق كەسىپلەر ئىتتىپاقى قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ۋە رايون ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئېچىۋېتىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە ئېشىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئاچىدۇ. جۇڭگو ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننى تۈزۈپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ــ جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاكتىپ باھا بېرىپ، بۇ مۇھىم رايون ھالقىغان ھەمكارلىق مېخانىزمى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دەپ قارىدى. ھازىر يۇقۇم سىجىل يامراۋاتقان، دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىشكە چوڭقۇر پېتىپ قېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشى ھەم رىياسەتچىلىك قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور بولۇپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ــ جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇھىم ئابىدىسىگە ئايلىنىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ ھەمكارلىققا داۋاملىق قاتنىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا جانلىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۈرلۈك يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ۋاكسىنىسىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىمىز دەپ بەرگەن ۋەدىسىنى ئالقىشلاپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ۋە ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك ئەمەلىيەتچىل ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان تاۋار ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ.

ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بەس-بەستە جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىگە، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئاۋستىرىيە، بېلارۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىۋېيتسارىيە ۋە ياۋروپا گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق كۆزەتكۈچى ۋەكىللەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

باشلىقلار يىغىنىدا «2021-يىللىق جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى بېيجىڭ پائالىيەت پىلانى» ۋە «جۇڭگو ــ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.