باش بەت>باش ماقالە

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى بېيجىڭدا يېپىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2021-03-13 11:05:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى   لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى، لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

3-ئاينىڭ 11-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلار تەستىقلاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 73-نومۇرلۇق، 74-نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ ئېلان قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى.

يېپىلىش يىغىنىغا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2953 كىشى، قاتناشقىنى 2896 كىشى، قاتنىشالمىغىنى 57 كىشى، قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، لى جەنشۇ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر ۋە 2021-يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، ئاساسلىق نىشانى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىغا قوشۇلۇپ، بۇ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. بۇ ئىككى قارار 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى»«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى»گە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بۇ ئىككى قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى. قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەستىقلاش، 2021-يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىدىن بۇيانقى دائىمىي كومىتېت خىزمىتى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىلەرگە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى تەستىقلاش قارار قىلىندى.

ئارقىدىن، لى جەنشۇ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىدى.

لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يىغىندا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ئىپادىلەندى. يىغىندا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە باشقا دوكلاتلار قاراپ چىقىلىپ تەستىقلاندى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلاندى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى دېدى: يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار چىقىرىلدى، بارلىق ۋەكىللەر ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە قۇۋۋەتلىدى، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش، شياڭگاڭنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا، جەزمەن ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن بايراق روشەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ بايراق روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بايراق روشەن ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى مۇقىم سىياسىي مۇھىت ۋە كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش؛ بايراق روشەن ھالدا شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئورنىتىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە تىرەك بولۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش؛ بايراق روشەن ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى، ۋەزىپىگە تەيىنلەش-قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى توغرا، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتى قەيەردە بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى قانداق بولسا، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش؛ بايراق روشەن ھالدا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنى ھۆرمەتلەپ، ۋەكىللەرگە تايىنىپ، ۋەكىللەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان يېڭى تارىخىي پەيتتە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، لى جەنشۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى يېپىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى شى، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، يوۋ چۈەن، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۇەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.