باش بەت>باش ماقالە

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ فۇجيەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2021-03-27 08:35:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئايشەم ئۆمەر مەسئۇل مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ فۇجيەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ نەنپىڭ ۋۇيىشەن شەھىرى شىڭسۈن بازىرى يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقىغا كېلىپ، پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرى، چايچى دېھقانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى)

3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانا كېسەلخانا بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا دوختۇر-سېسترالار، ئاغرىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 3-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ فۇجيەن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

باھار پەسلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە، فۇجيەن تۇپرىقى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ نىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەنپىڭ، سەنمىڭ، فۇجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، دۆلەت باغچىسى، ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، دوختۇرخانا، يېزا، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ۋۇيىشەن دۆلەت باغچىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايلارنىڭ بىرى. 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ باغچىنىڭ ئاقىل باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، ئاقىل باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ مەركەز ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، باغچىنى «ئاسمان-يەر-بوشلۇق»تىن ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن ھاۋارايىلىق كۆزىتىپ ئۆلچەپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلىدىلا چاڭتىڭدا سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش، مۇلەنشى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئېكولوگىيەنى قوغداش قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولغان ھەم 2000-يىلى فۇجيەننىڭ باشلامچىلىق بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، فۇجيەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا پائال نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى ئورنىتىشتىكى مەقسەت تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق بىر ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى دېگەن ئىدىيە بويىچە، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك ئاھالە كۆچۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ۋۇيىشەن ۋۇلۇڭ چېيى، پەمىل چاينىڭ ماكانى. شى جىنپىڭ شىڭسۈن بازىرى يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىققا كېلىپ، ئەتىيازلىق چاينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جاينىڭ چايچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاي مەدەنىيىتى، چايچىلىق كەسپى، چاي پەن-تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يېشىل تەرەققىيات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركا ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماركېتىڭ ئوبوروت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىللىرىگە ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېتىز-دالىلاردا يازدۇرۇش كېرەك.

چايزارلىقتىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ سالغا ئولتۇرۇپ جيۇچۈشىنى بويلاپ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالى ۋە تەبىئىي مەنزىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. جيۇچۈشى بويىدىكى جۇ شى باغچىسىدا شى جىنپىڭ جۇ شىنىڭ ھاياتى ھەم لىشۆ تەتقىقاتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دەۋر روھى ئارقىلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ماركسىزمنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنمىڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدا دورا خورىما ماتېرىياللىرىنى تۈزەش ئىسلاھاتى بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، تېببىي دورا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. 2016-يىلى 2-ئايدا، شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، سەنمىڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش، كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلدى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىغا كېلىپ، كېسەلخانا بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا داۋالاش ئىسلاھاتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، دوختۇر-سېسترالار، ئاغرىقلاردىن داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ ساغلاملىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. سەنمىڭنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىدا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش نامايان قىلىندى، ئۇنىڭ تەجرىبىسى ھەرقايسى جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

فۇجيەن شى جىنپىڭ نىڭدېدا خىزمەت قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش، تامچە سۇ تاشنى تېشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتتى. 30 نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، فۇجيەن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە مۇتلەق نامراتلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەتتى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي كونا رايون كەنتى − شاشيەن ناھىيەسى شياماۋ بازىرىنىڭ يۈباڭ كەنتىگە كېلىپ، ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسى ئالدىدا، ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دۇكىنىدا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۇرتداشلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئىستىقبالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاشيەن ناھىيەسىدىكىلەر جاھان كېزىپ، شاشيەن ناھىيەسىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلىرىنى خەلقنى بېيىتىدىغان خاس كەسىپكە ئايلاندۇردى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپلەرنى تاللاش ئاچقۇچ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش يېڭى مۇساپىسىدە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىش كېرەك.

شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغاندا كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «تاغنى ئائىلىلەرگىچە تەقسىملەش، ئورماننى ئادەمگىچە باراۋەر تەقسىملەش»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، «تاغنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش، دەرەخ يىلتىزىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىشىلەر قەلبىنى خاتىرجەم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرغان. شاشيەن ناھىيەلىك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىدە، شى جىنپىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئىش بېجىرىۋاتقان ئامما ۋە خىزمەتچى خادىملاردىن كوللېكتىپ ئورمان يېرى تىجارەت ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش سودىسى، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سەنمىڭنىڭ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، توغرا بولغان ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال، مۇقىم ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىرىشىپ يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى فۇجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە شى جىنپىڭ فۇجوۋ شەھىرىنىڭ «3820» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئەسىر ھالقىغان فۇجوۋنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. فۇشەندىكى جياۋيې باغچىسىدا، شى جىنپىڭ توكسىكلىتقا ئولتۇرۇپ جياۋيې باغچىسىدىكى فۇداۋنىڭ قىياپىتىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئۇ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، فۇجوۋنىڭ يېڭى قىياپىتىگە يىراقتىن نەزەر سالدى، شەھەر ئېكولوگىيە باغچىسىنى پىلانلاش قۇرۇلۇشى، شەھەر سۇ سىستېمىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شەھەر ئاھالىلىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينى-كەينىدىن چۆرىدەپ كېلىشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر شەھەرنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى باشقۇرۇشتا كۆك-تاق، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، شەھەر بوشلۇقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. فۇجوۋ بەختكە تولغان جاي، ئېكولوگىيەلىك شارائىتى ئۆزگىچە، بۇ دېڭىز ساھىلىگە جايلاشقان شەھەر، تاغ-دەريالىق شەھەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

فۇجوۋدىكى سەنفاڭ چىشياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن قېپقالغان فاڭشياڭ ئەندىزىسى ۋە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى نۇرغۇن قەدىمىي ئىمارەتلەر ساقلىنىپ قالغان. 1991-يىلىلا، شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى نەق مەيدان ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ، فۇجوۋ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش نىزامى ۋە قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر تارىخىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. شى جىنپىڭ فۇجوۋدىكى قەدىمىي ئۆيلەر ۋە سەنفاڭ چىشياڭنى قوغداش، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نەنخوۋ كوچىسى، لاڭگۈەن كوچىسىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى، يەن فۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە ئارقا-ئارقىدىن قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەنئەنىۋى كوچا رايونلىرىنى ياخشى قوغداش، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش دەل شەھەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلىغانلىق. قەدىمىي ئىمارەت، كونا قورۇ، كونا كوچا رايونلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا قەدىرلەش تۇيغۇسى، ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك.

فۇجيەن فۇگۇاڭ پاي چەكلىك شىركىتى ئوپتىكىلىق كامېرا ياسايدىغان مۇھىم كارخانا. شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋالىنى سورىدى. ئادەتتىن تاشقىرى نازۇك زاپچاسلار سېخىدا، كارخانا خىزمەتچىلىرى باش شۇجىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتىنى كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى چاسا سېپىگە كىرىشتە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك، ھەمىشە ئەگىشىپ يۈگۈرۈش ئاقمايدۇ، جەزمەن پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىر تۈرلۈك دۆلەت سىياسىتى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پائال ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشتا «كېلىپ چىقىشى» سورالمايدۇ، كىم دۆلەتكە تۆھپە قوشالىسا شۇنىڭغا مەدەت بېرىش كېرەك.

3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مىنجياڭ شۆيۈەنىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. مىنجياڭ شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى فۇجوۋ سىفەن ئالىي تېخنىكومى ۋە مىنجياڭ كەسپىي داشۆسى ئىدى. فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ ئىلگىرى مىنجياڭ كەسپىي داشۆسىنىڭ مۇدىرى بولغان ئالتە يىل ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان «ئەڭ چوڭ بولۇشنى قوغلاشماسلىق، بەلكى ئەڭ ئەلا بولۇشنى قوغلىشىش، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشنى قوغلىشىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولدى. 2018-يىلى 10-ئايدا، شى جىنپىڭ مىنجياڭ شۆيۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. مىنجياڭ شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ تارىخى ۋە قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ شۆيۈەننىڭ قوللىنىشچان مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي تېخنىكا تىپىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كەسىپ تەسىس قىلىپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

مەكتەپ مەيدانىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز»، «شى مەكتەپ مۇدىرى ياخشىمۇ سىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيىتى زىممىسىدە. ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاق-پەزىلىتىنى تاۋلاپ، تىرىشىپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم، ئەخلاقلىق، ئالىيجاناب ئادەم بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، فۇجيەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، فۇجيەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەر تەرەپلىمە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئالدى بىلەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىچكى بىردەكلىككە ئىگە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دەل يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدىغان تەرەققىيات. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە يۇغۇرۇلۇشتىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دادىللىق بىلەن دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى يېزا ئىگىلىك بايلىقى كۆپ خىل بولۇش ۋە كىلىمات مۇۋاپىق بولۇش ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، سوۋېت رايونلىرىدىكى خاس كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى پۇختا توقۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: فۇجيەن كونا ئىنقىلابىي رايون، پارتىيە تارىخىغا ئائىت ۋەقەلەر كۆپ، قىزىل بايلىق كۆپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار كۆپ بولۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، داۋلىنى بىلىش ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. پارتىيەنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپا-مۇشەققەتلىك مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىلىرى، ئېسىل ئەنئەنىسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، ماركسىزم نېمە ئۈچۈن يارايدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى قاتارلىق داۋلىلارنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تارىخ لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىش كېرەك. ماركسىزم ھەم ئۇنىڭ جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قەتئىيلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر توغرا يولدا مېڭىش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.