باش بەت>مەدەنىيەت

قەشقەر شەھىرىدە خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-22 13:02:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

سۈرەتتە: خەلق سەنئەتكارلىرى نومۇر كۆرسەتمەكتە.

     مۇخبىرىمىز ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى خەۋىرى، فوتوسى: 8-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

     قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن، مەدەنىيەت- تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بۇ كۈنكى پائالىيەتكە ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،  مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل-تىياتىر ئۆمىكى، مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى يېزا (بازار، كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى)لاردىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرىدىن بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

     مۇسابىقە جەريانىدا قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان «ئەپەندىم ۋە يول»،  يارباغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان داپ ئۇسسۇلى، نەزەرباغ بازىرىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان قىزلار كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «ئىتتىپاقلىق كۈيى» قاتارلىق ۋەتەن، خەلق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشەببۇس قىلىنغان نومۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى.