باش بەت>مەدەنىيەت

خەلقىمىزدە تامچىلىق

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-13 17:11:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل

    تامچىلىق خەلقىمىز ئارىسىدا ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ھۈنەر سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ھازىر پىششىق خىش، سېمونت قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر سېلىنىدىغان بولدى. لېكىن، يېزا – كەنتلەردە يەنىلا ئىلگىرىكى تامچىلىق ھۈنىرى بىلەن ئۆي سالىدىغانلارمۇ بار. ئادەتتە تام قوپۇرىدىغان كىشى تامچى، تام قوپۇرۇش تامچىلىق دېيىلىدۇ.

    ئۆي تېمى: خەلقىمىزدە ‹‹يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس، يالغۇز تام ئۆي بولماس›› دەيدىغان ھېكمەت بار. ئۆي سېلىش ئۈچۈن لاي ياكى كېسەك بىلەن ئاستىنىڭ كەڭلىكى 85 سانتىمېتىردىن 110 سانتىمېتىرغىچە، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 45 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى ئىككى، ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا قوپۇرۇلغان ئۆي گەۋدىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۆي تېمى يان تام، ئالدى تام، ئارقا تام ۋە دىۋاردىن تەركىب تاپىدۇ.

    قوتان تېمى: ئېغىل – قوتان سېلىش ئۈچۈن ئۆي تېمىدىن پاكارراق ۋە كىچىكرەك قوپۇرۇلغان تام.

    قورۇق تام: ئۆي سېلىنغان، دەل – دەرەخ تىكىلگەن، باغباراڭلاشتۇرۇلغان، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغان دائىرىنى قورشاپ سىرتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن لاي ياكى كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان تام.

    چىتلاق: دەل – دەرەخ شاخلىرى بىلەن ئېتىلگەن توساق.

    يېشىل چىتلاق: ياغاچ غوللۇق ياكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى زىچ تىكىپ ئۆستۈرۈپ ھاسىل قىلىنغان توساق.

    قاشا تام: بەلگىلەنگەن دائىرىنى قورشاپ سىرتتىن مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ياغاچ، بادرىلاردا توسۇلغان توساق.

    خوجا تام: كونىرىغان ئۆي، ئېغىل – قوتان تاملىرىنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن تامنىڭ بېقىنىغا لاي، كېسەكتىن قوپۇرۇلىدىغان كالتە تام.

    چەمەك: ئۆرۈلۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان تام ۋە مېۋە شاخلىرىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرەپ قويۇلىدىغان قۇرۇلما.

    سىراج تام: ئۆگزىنى قاشالاش ياكى بىر – بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن كېسەكنى يانتۇ ياتقۇزۇپ قوپۇرۇلغان تار ھەم پاكار تام.

    چوققا تام: ئىككى تەرىپى يانتۇ يېپىلغان ئۆيلەرنىڭ ئىككى يېنىدىن توغرىسىغا قوپۇرۇلغان تام.

    يوغا تام: ئۆي بىلەن ئۆي ئوتتۇرىسىدىكى پاكار تام.

   ئارا تام: ئىككى ھويلا ياكى ئىككى ئۆينى تۇتاشتۇرىدىغان تام.

    قۇرما تام: تال ۋە بادرىلار توقۇلۇپ، كاكىل لايدا سېلىنغان تام.

    بالا تام: ئۆينىڭ كۆركەم كۆرۈنۈشى، ئۆگزىدىكى نەرسىلەرنىڭ سىرتقا كۆرۈنمەسلىكى ئۈچۈن قوپۇرۇلغان تام.

    تام قوپۇرۇلىدىغان ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، توپا تام، كېسەك تام، تاش تام، چىم تام ۋە ۋادەك تام تۈرلىرىگە بۆلۈنىدۇ.

    توپا تام: توپىنى ئەشيا قىلىپ تام سوقۇش جابدۇقلىرى ئارقىلىق سوقۇلىدىغان تام.

    كېسەك تام: ھەر خىل ئۆلچەمدىكى كېسەكنى قارا لاي بىلەن چەك باستۇرۇلۇپ قوپۇرۇلغان تام.

    ئەنجان تام: قويۇقراق ئېتىلگەن قارا لايغا ساماننى مۇۋاپىق نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ قاتتىقلاشتۇرۇلغان كۇمىلاچ لايدىن قوپۇرۇلغان تام.

    تاش تام: تاش ماتېرىياللىرىنى ئاساس قىلىپ قوپۇرۇلىدىغان تام بولۇپ، تاش تام ئاساسلىقى تۇپرىقى ناچار ياكى توپا قىس بولغان تاغلىق رايونلاردا ئومۇملاشقان.

    چىت تام: شاخ – شۇمبا، تىكەن قاتارلىقلاردا قورشالغان تام.

    چىتەن تام: شاخ – شۇمبا، يانتاق ۋە قومۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق قورشالغان قاشا تام.

    چىم تام: تۇپرىقى ۋە ھاۋاسى نەم جايلاردا لېيى بىلەن قېزىپ ئېلىپ قوپۇرۇلىدىغان تام.

    ۋادەك تام: ۋادەك تام دەل – دەرەخ، ئۆسۈملۈك غوللىرىنى ماتېرىيال قىلىدىغان، سېغىز لاي بىلەن سۇۋايدىغان تام. ۋادەك تام ئاساسلىقى قۇملۇق ۋە شورتاڭ رايونلاردا ئومۇملاشقان بولۇپ، ۋادەك تام ياغاچ ۋادەك تام، قومۇش، يۇلغۇن ۋادەك تام، بادرا ۋادەك تام، يۇلغۇن ۋادەك تام ۋە ئەنجان ۋادەك تام دېگەن تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ.

   ياغاچ ۋادەك تام: ياغاچ ۋادەك تام دەل – دەرەخلەرنىڭ ئىنچىكىرەك بادرىلىرىدىن ياسىلىدۇ. ياغاچ ۋادەك تامنىڭ توغرا بالداقنىڭ ئاستى ۋە ئۈستى قىسمى ئايرىم توقۇپ ۋادەكلىنىدۇ. ۋادەك توغرىسىغا ئورنىتىلغان بالداقنى ئاساس قىلىپ، بادرىنى ئوتتۇرا بالداقنىڭ كەينىدىن تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى ئۇچى توغرا سېلىنغان بالداققا بىرى ئوڭ، بىرى تەتۈر ئېلىپ توقۇلىدۇ. ۋادەك توقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، سېغىز لاي بىلەن چاپلاپ، قۇرۇغاندا سۇۋىلىدۇ.

    قومۇش ۋادەك تام: قومۇشنى توغرىسىغا ئورناتقان بالداققا كەندىر ياكى كولا يىپتا ئېشىلگەن ئىنچىكە شوينا ئارقىلىق باغلاپ ياسىلىدۇ.

    بادرا ۋادەك تام: تۈۋرۈكلەر ئۈچ تال توغرا بالداق بىلەن چېتىلىپ، بىلەك توملۇقتىكى بادرىنى تىكلەپ تىزىپ، توغرا بالداققا باغلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. بۇ خىل قۇرۇلما تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشايدىغان چارۋىچىلاردا ئومۇملاشقان بولۇپ، توغراق ياغىچىدا ياسىلىدۇ.    ئاشخانا ۋە ھويلا تاملىرى چاپلانمايدۇ. ئۆي تاملىرىنىڭ ئىچ تەرىپى چاپلىنىپ سۇۋۇلىدۇ. شارائىتى بار جايلاردا بادرا ئارىسىدىكى يوچۇقلارغا قومۇش باغلاپ، ھىملىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

    يۇلغۇن ۋادەك تام: يۇلغۇن ۋادەك تام ئىككى خىل بولۇپ، بىرى يۇلغۇننىڭ تومراق شاخلىرىدا، يەنە بىرى يۇلغۇننىڭ ئىنچىكە شاخلىرىدا توقۇلۇپ ياسىلىدۇ.

    يۇلغۇن، قومۇش ۋادەك تام: يۇلغۇن بىلەن قومۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ باغلاش ئارقىلىق قوپۇرۇلىدىغان تام.

    ئەنجان ۋادەك تام: بۇ تامنىڭ تۈۋرۈكى زىچ بولۇپ، تۈۋرۈك بىلەن تۈۋرۈكنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە 20 – 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. توغرىسىغا بالداق ئورنىتىلمايدۇ. تۈۋرۈكلەر ئارىلىقىغا خام كېسەك لاي بىلەن قىيپاش قويۇلۇپ ياسىلىدۇ. كېسەك قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى تەرىپى سېغىز لاي بىلەن چاپلىنىپ، لاي قۇرۇغاندا سىلىق سۇۋىلىدۇ. تامنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە شەكلى ئۆزگىرىش، قىيسىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر بىر تامغا تۈۋرۈك بىلەن سىنجا چېتىلغان بۇرجەك بىلەن قارشى بۇرجەك ئۇزۇن ياغاچ ئارقىلىق چېتىلىدۇ. ۋادەك تامنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان غول قۇرۇلما تۈۋرۈك بولغاچقا، تۈۋرۈككە مەزمۇت ياغاچ ئىشلىتىلگەندىن باشقا، يەرگە كۆمۈلگەن قىسمىنىڭ چىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۈۋرۈكنىڭ كۆمۈلىدىغان قىسمى ئوتۇن كۆمۈرى ياكى كۈل بىلەن كۆمۈلىدۇ. شارائىتى بارلار تۈۋرۈكنى تاشتىن ئويۇپ ياسالغان تاش تەگلىكلەرگە ئورنىتىدۇ.

    توپا تام سوقۇش ئۈچۈن، قاڭدالما، تام ياغاچ، موما ياغاچ، چاقسا، تام تاش، ئارغامچا، پانا، تېرەك، ئولغۇر، كەتمەن، كۈرەك قاتارلىق سايمان – جابدۇق ۋە ئەسۋابلار ئىشلىتىلىدۇ.