باش بەت>خەتلىك ئۇلانما

 بىز ئۇيغۇرلار نېمە سەۋەبتىن ھۆرمەتلىنىشتىن «تېررورچى» دېگەن نامغا قالدۇق؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-04-18 12:10:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

خەلق بانكىسى پەيزاۋات تارماق بانكىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، بانكا باشلىقى: تۇرغۇن قادىر

مەن يەكەندە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، پۇل مۇئامىلە سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر. 1988-يىلى مەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت تىل سىستېمىسىدىكى ئىجتىمائىي پەن ئەلىيۇلئەلاسى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن. شۇ چاغقىچە مەن تېخى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئايرىلىپ باقمىغان بولغاچقا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان يۇرتدىشىم ئادىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى يەكەن ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، 5000 كىلومېتىردىن كۆپرەك مۇساپىنى بېسىپ، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ناتونۇش جاي، ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى  بېيجىڭغا يىتىپ باردىم. شۇ كۈنى كەچتە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇۋاتقان يەكەنلىك مەكتەپداشلىرىم بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

بېيجىڭدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىغا تېزرەك ماسلىشىشىمىز ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرىمىز چېن زوخوڭ مۇئەللىم دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە بىزنى باشلاپ تيەنئەنمېن، خەلق سارىيى، ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى، خان سارىيى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. بېيجىڭغا بارغان تۇنجى يىلى كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلارنى ئۆتكۈزدۈم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مۇئەللىمنىڭ قىزغىن ياردىمىدە خەنزۇتىلىدا دەرس ئاڭلاشقا ناھايىتى تېزلا ماسلىشىپ كەتتىم، شۇ يەردىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا خەنزۇ تىلىدا ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىم تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ، ئاستا-ئاستا بېيجىڭ شىۋىسنى ئۆگىنىۋالدىم، بەزىدە يەنە نەچچە ئېغىز بېيجىڭ يەرلىك شىۋىسىدىمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولدۇم. 2-يىلى مېنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىم تېزلىكتە ئۆسۈپ، ئەتراپىمدىكى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم ۋە ئاممىا بىلەن نورمال پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن پائالىيەت دائىرەم كېڭىيىشكە باشلىدى. ھەپتە ئاخىرلىرىدا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بېيخەي باغچىسى، يۈەنمىڭيۈەن باغچىسى، تيەنتەن، شياڭشەن ۋە بېيجىڭ كۇتۇپخانىسى قاتارلىق جايلاردىكى مەشھۇر ئاسار-ئەتىقىلەرنى كۆرۈپ، ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى چۈشەندىم. شۇ ۋاقىتتا يەرلىكتىكى خەنزۇ ئامما ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىزگە ھۆرمەت ۋە قىزىقىش نەزەرى بىلەن قاراپ، ئاپتوبۇسلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزگە ئورۇن بوشىتىپ بېرەتتى، يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىشقا قىزىقاتتى. دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇسنىڭ قەشقەردىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلەنگەن «جۇڭگو بۇلبۇلى» دەپ ئاتالغىنى تىلغا ئېلىنغاندا چەكسىز پەخىرلىنەتتۇق، بەزىلەر يەنە باش بارمىقىنى چىقىرىپ، بىزنى شۇ جايدىكى ئەڭ ياخشى، ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار دەپ ماختىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار بىزنى تەستە قولغا كەلگەن ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، ياخشى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چېگرا رايون ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇراتتى.

مەن مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەر داۋاملىشىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن بۇ ئۇزاققا بارمىدى. 1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنىڭ يۈز بېرىشى ۋە بىر قىسىم قانۇنسىز سودىگەر، ئوغرىلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن پايدىلىنىپ، ئىچكى جايلاردىكى بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ ھەرخىل ئەسكى ئىشلارنى قىلىشى بىلەن ئەتراپىمىزدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئامما ئۇيغۇرلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇشتى. ئاممىۋى ئاپتوبۇستا بىزگە ئورۇن بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنى بىر چەتكە تارتىپ، «كاۋاپچى كەلدى» دەپ پىچىرلىشىىدىغان؛ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سودا سارايلارغا بېرىپ ئىشىكتىن كىرگەن ھامان ئامانلىق قوغدىغۇچىلار رادىيو كانىيى ئارقىلىق «شىنجاڭلىق يانچۇقچىلار كىردى، ھەزەر ئەيلەڭلار» دەيدىغان بولدى... مۇشۇنداق كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشى مەندە ئۇۋالچىلىق ھېسسىياتى، ھەتتا بۇ مەكتەپتىن چېكىنىپ شىنجاڭغا قايتىپ ئوقۇش نىيىتى پەيدا قىلدى. ئاخىرىدا مۇئەللىمنىڭ ئىلھام بېرىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەييارلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تيەنجىندىكى نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندىم. 1990- يىل 9-ئايدا مەن تيەنجىنگە ئوقۇشقا بېرىپ، ئورۇن ئالماشقاندىن كېيىن ئەھۋال ياخشىراق بولار، دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئاز ساندىكى مۇناپىقلار ئۇيغۇرلارغا چاپلاپ قويغان بەتنام بىزگە ئەگىشىپ بۇ يەرگىمۇ كەلگەنىدى، 1994-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىپ كېلىپ، خەلق بانكىسىدا خىزمەتكە قاتناشقاندىن ھازىرغىچە بۇ «قارا»نى يۈدۈپ كەلدىم.

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل» ۋەقەسى، 2013-يىلى بېيجىڭ تيەنئەنمېندە «28-ئۆكتەبىر» جىنشۈيچياۋ كۆۋرۈكىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 2014-يىلى كۈنمىڭ ۋوگزالىدا «1-مارت» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىپ، دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامىغا داغ تېگىپ، ئىچكى جايلاردا قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چىقىش ياكى مېھمانسارايلاردا يېتىشمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. بىر قانچە قېتىم خەلق بانكىسى سىستېمىسىدىكى خەنزۇ، قازاق كەسىپداشلىرىم بىلەن ئىچكى جايلارغا كاماندىروپكىغا چىقىپ ئايرودۇرۇمدا ئايروپىلان ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا، ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن، مېنى يالغۇز ئېلىپ قېلىپ ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزدى، ئەتراپىمدىكى يولۇچىلارنىڭ ماڭا خۇددى باغچىدىكى مايمۇنلارغا قارىغاندەك قارىشى مېنى تولىمۇ ئازابلىدى. مېھمانسارايلارغا چۈشكەندىمۇ كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بېرىپ تۇردى، مەن: سىلەرنىڭ بۇنداق ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىڭلار، مېھمانسارايلاردا ياتاقتا ياتقۇزمىغىنىڭلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ، دېسەم، مېھمانخانا خىزمەتچىلىرى مەن بىلەن تاكاللاشماي، مۇلايىملىق بىلەن: بۇ يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى، بىز ‹ئالاھىدە تەكشۈرۈش› قىلمىساق، يۇقىرىغا جاۋاب بېرەلمەيمىز، سىزنىڭ ماسلىشىشىڭىزنى ھەم توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى. بۇ ئىشلارغا مەن تولىمۇ ئىلاجىسىز قالدىم.

بېيجىڭ بىلەن تيەنجىندىكى ئالتە يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا، ئۆيۈم يىراق، ئۆيگە بېرىپ-كېلىش قولايسىز بولغاچقا، تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ساياھەت قىلاتتىم. بۇ ئالتە يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈرمەتلىنىشتىن «زوراۋان-تېررورچىلار» دېگەن ئاتاققا قېلىش جەريانى بولۇپ قالدى. مەن بۇ جەرياننى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەچكە، بۇ جەھەتتە ماقالە يېزىشنى ئىزچىل ئويلىغان بولساممۇ، قانداق يېزىشنى بىلمەي كەلگەنىدىم. يېقىندا رادىيو، تېلېۋىزىيە، ئۈندىدار قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»، قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزىنىڭ «قەشقەردىكى ئۇيغۇر كادىرلار ئويغىنايلى»، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياسىن سىدىقنىڭ «باتۇرلارچە ئورنىمىزدىن دەس تۇرايلى! ‹ئۈچ خىل كۈچ›لەرگە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەن بىردىنلا ئىلھاملىنىپ، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقىپ، كۆڭلۈم خېلى ئارام تاپتى، «ئۇيغۇرلار ئىچكى جايلارغا كاماندىروپكىغا بېرىش، مېھمانسارايلارغا چۈشۈشتە نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە تەكشۈرۈلىدۇ» قاتارلىق مېنى قىيناپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپقاندەك بولدۇم.

كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقايلى، بىز ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىشتىن «زوراۋان، تېررورچى» دەپ ئاتىلىپ قالدۇق؟ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان، قەبىھ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى كىم كەلتۈرۈپ چىقارغان؟ سىلەر چوقۇم زوراۋان، تېررورچىلار قىلغان دەيسىلەر، توغرا. بىراق بىر نۇقتىنى كۆپچىلىك ئۇنتۇپ قالماڭلار، بارلىق زوراۋان، تېررورچىلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىقىپ، بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراتقان. «زوراۋان، تېررورچى» ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر نامىغا، ئەسەبىيلىكنىڭ خەتەرلىك مەنبەسىگە ئايلىنىپ، زوراۋان، تېررورچىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان پىشكەلچىلىكنىڭ دەردىنى، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئاممىسى تارتىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ، 56 مىللەتنىڭ ئىچىدە زوراۋان، تېررورچىلار نېمىشقا پەقەت بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىنلا چىقىدۇ؟ ئەجىبا، بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىش ئۈچۈن تۇغۇلغانمۇ؟ ئۇنداقتا، كىم بىزگە «زوراۋان، تېررورچى» دېگەن بەلگىنى سەپ قويدى؟ كىم بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى؟ كىم بىزنىڭ ۋەتەن، خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمىزغا داغ تەگكۈزدى؟ بىز يوقىتىپ قويغان ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قانداق قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىپ، پىشانىمىزگە چاپلانغان بۇ بەلگىنى قانداق يىرتىپ تاشلايمىز؟ ئۇيغۇرلارغا «زوراۋان، تېررورچى» دەيدىغان بەلگىنى باشقىلار ئەمەس بەلكى ئۆزىمىز چاپلىغان! بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىش.

مەن پارتىيە نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر. ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇپلا قالماي، يەنە ئالتە يىللىق ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە ھەر ئايدا 42 يۈەندىن تۇرمۇش ياردىمىگە ئېرىشىپ ئوقۇدۇم. ئەگەر پارتىيەنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان ئېتىبار سىياسەتلىرى بولمىغان بولسا، ماڭا ئوخشاش يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دېھقان بالىسى قانداقسىگە بىلىم ئېلىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى يارىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؟ ئەگەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بولمىغان بولسا، مەن يەنىلا بىر ئۆمۈر ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقان بولغان بولاتتىم. ماڭا ئوخشاش پارتىيەنىڭ شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ئاز ئەمەس.

نۆۋەتتە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تارىخىي ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى، شۇنداقلا بىز ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، ئىشىنىمەنكى، ۋىجدانى بار ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق قىلىدۇ، باش نىشاننىڭ يېتەكچىلىكىدە پەيزاۋات ناھىيەمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتى ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇ ھالقىلىق پەيتتە، بىز ئۇيغۇر كادىرلار تىلىمىز، ئۆرپ-ئادىتىمىز ئوخشاش، سىياسەتنى پىششىق بىلىدىغان، ئاممىغا يېقىن بولۇشتەك ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەل قەلبىنى ئۇتۇپ، ئىجابىي كۈچ تارقىتىپ، جامائەت پىكرى كۈرىشىنىڭ پولات ئىستىھكامىنى شەكىللەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز دادىللىق بىلەن ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ، بىزگە «زوراۋان، تېررورچى» دېگەن بەلگىنى چاپلاپ قويغان «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە ئومۇميۈزلۈك جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئارىسىدا يوقىتىشىمىز كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بىز ئۇيغۇرلارغا چاپلانغان «زوراۋان، تېررورچى» دېگەن بەلگىنى يىرتىپ تاشلاپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلەيمىز؛ 56 مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىپ، شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلالايمىز، ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يەنە سۈكۈت قىلىپ، تاقات قىلىپ تۇرالمايمەن، زوراۋان، تېررورچىلاردىن ھەرگىز قورقۇپ يۈرمەيمەن. مۇشۇنداق پەيتتە مەن كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، پارتىيەنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى، يۇرت-ماكانىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايمەن.

بۇ يەردە مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا شۇنداق خىتاپ قىلىمەنكى: كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، دۈشمەننىڭ ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلايلى! تېررورچىلارنى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايلى! بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىنىي ئەسەبىيلىكنى چەكلەپ، دۈشمەننىڭ ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەستىدىن زەھەرلىنىپ قالمايلى! ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، ئۇلارغا قەتئىي تۈردە قاقشاتقۇچ زەربە بېرەيلى! پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆرسىتىپ بەرگەن پارلاق، داغدام يولنى بويلاپ باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەيلى!

پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلار، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە شەپقىتىنى ھەر ۋاقىت ئەستە مەھكەم ساقلاپ، ئىدىيە، ھەرىكەت جەھەتتە ھەر ۋاقىت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقىمىز روشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا ھەر قانداق شەكىلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان، تېررورچىلار بىلەن دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەمەلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرق ئېتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىشقا يېتەكلەيلى! 

بۇ يەردە مەن خەلق بانكىسى پەيزاۋات تارماق بانكىسىدىكى بارلىق ئۇيغۇر كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى: «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بىلەن ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلماي، قەتئىي يول قويماي، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايمىز. بىز خەلق بانكىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزنەك ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە سىياسەت ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن يېتەرلىك، جانلىق پايدىلىنىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز.