باش بەت>شىنجاڭ

ۋەتىنىمىزنى سۆيمەسلىككە ئاساسىمىز يوق

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-01 20:23:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

− چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىقىنى پۈتكۈزگەن، 1990-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر جۈپ ئۇيغۇر ياش ئەر- خوتۇننىڭ يۈرەك سۆزى

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى: جاۋ چۈنخۇا


  ئەسقەر ياسىن ئاقسۇ شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلىمەكتە. (سۈرەتنى سۈبھىنۇر تەمىنلىگەن)

     «ياش دوستلار، بىز تۇرۇۋاتقان جاي دەل شىنجاڭ، بىز قانداق بولساق شىنجاڭمۇ شۇنداق، بىز نېمە بولساق شىنجاڭمۇ شۇ، بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرىسەك تەڭرىتاغ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈس ئالىدۇ، قەلبداش بولساق تارىم دەرياسى تېخىمۇ سۈزۈك بولىدۇ!». ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى −− «شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى»دا 5- ئاينىڭ 10- كۈنى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنتتە تۇرۇۋاتقان، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىقىنى پۈتكۈزگەن، 1990 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر جۈپ ياش ئۇيغۇر ئەر- خوتۇننىڭ يۈرەك سۆزى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى، يۇقىرىدىكى ئاپتورنىڭ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا يازغان بىر بۆلەك سۆزى بولۇپ، 3000 خەتتىن ئاشىدىغان بۇ ماقالىدە، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىقىنى پۈتكۈزگەن، 1990- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بىر جۈپ ئۇيغۇر ياش ئەر- خوتۇن −− ئەسقەر ياسىن بىلەن سۈبھىنۇر ئۆزلىرىنىڭ چىن ھېسسىياتى بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.

   «بىز مەيلى قەيەردە بولايلى، ۋەتىنىمىز ئىزچىل بىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى»

 ئەسقەر ياسىن يەكەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2003- يىلى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، كېيىن يەنە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، سانائەت پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. سۈبھىنۇر بورتالادىن كەلگەن بولۇپ، تولۇق كۇرسنى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇ بىر جۈپ ئۇيغۇر ياش گۈزەل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن.

 مۇخبىر 5- ئاينىڭ 31- كۈنى ئۇلارنىڭ ئوقۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشقاندا، ئۇلار مۇنداق دېدى: ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە مۇقىملىقى بىزنىڭ بەختىمىز. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، بىز سىنىپتا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ بىلىم ئىگىلىيەلمىگەن، يەنە كېلىپ يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ تېخىمۇ بىپايان زېمىنغا بارالمىغان بولاتتۇق!

    ئەسقەر ياسىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزدە جان سانىمىز كۆپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئوقۇش خىراجىتىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك دۆلەت كۆتۈرگەچكە، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى يەڭگىللىدى. ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىپ، غەم- ئەندىشىسىز پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇدۇم.

    ئۇلار خىزمەت ئورنىغا قەدەم قويغاندا، دەل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى، ئەسقەر ياسىن 2015- يىلى خوتەن ناھىيەسىگە، سۈبھىنۇر 2016- يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشتى.

    ئەسقەر ياسىن مۇنداق دېدى: گۇما، چىرا ناھىيەسىدىكى بەزى يېزا- بازارلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بارغاندا، رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنى، ئاسفالت يوللارنى كۆردۈم، ۋەتىنىمىزنىڭ چەت- يىراق جايلىرىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالماپتۇ. ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ نەزەرىدە، بالىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا، ئىلگىرىلەش يولىدا بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. مەيلى قەيەردە بولايلى، ۋەتىنىمىز ئىزچىل غېمىمىزنى يەيدۇ، بىز نەقەدەر بەختلىك- ھە! ھازىرقى زامان ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتىنىمىزنى سۆيمەسلىككە ئاساسىمىز يوق!

    «بىزدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قەلب بولۇشى كېرەك»

    «ئانا ۋەتىنىمىز بىزنى بوران- چاپقۇندىن ساقلايدۇ، بىزنى قوغدايدۇ، بىزنى تەربىيەلەيدۇ، بىراق قىسمەن ياشلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردا ئەقەللىيسى مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان قەلبمۇ يوق. <سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇما> دېگەن گەپ بار. ياش دوستلار، بىزدىمۇ مىننەتدارلىق روھى بولۇشى، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرى ۋە ئەتراپلىق كۆيۈنۈشىگە جاۋاب قايتۇرۇش روھى بولۇشى كېرەك...» ئەسقەر ياسىن بىلەن سۈبھىنۇر خېتىدە مۇشۇنداق دەپ يازدى ھەم يازغىنىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

    ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا قايتماقچى بولغىنىنى ئاڭلاپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ساۋاقداشلىرى ئۇلارنىڭ بۇ تاللىشىنى چۈشىنەلمەيلا قالدى.

    «ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدا قالساق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتۇق. بىراق، يۇرتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان پەرقى زور، بۇ دەل شىنجاڭنىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەنلەرگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەمدۇ؟!» سۈبھىنۇرنىڭ سۆزلىرى ئىنتايىن كەسكىن ئىدى.

    ئەسقەر ياسىن بۇ يىل 3- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى چوڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشقان تەشۋىقات جەريانىدا، ئۇ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 26 ناھىيە (شەھەر)، 100دىن ئارتۇق يېزا- بازارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر ياشلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى.

    ئاساسىي قاتلامدا بارلىققا كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن- ئاڭلىغان ئەسقەر ياسىننىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى تېخىمۇ ئۇرغۇدى، ئۇ مۇنداق دېدى: شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان نۇرغۇن كىشى بۇنداق چەت- يىراق جايلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، بىراق ئانا ۋەتىنىمىز بۇ جايلارنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئۇ ھەممىنى بىلىدۇ.

    بۇ بىر جۈپ ياش ئاساسىي قاتلامدا ئۆزىنىڭ «قوش تىل» جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئارىسىغا پائال چۆكۈپ، يېزا ياشلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە بىلىم ئىگىلەش جەريانىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا «بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ» دېگەن قائىدىنى سۆزلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئويىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلدى.

    − بۈيۈك كۈچ ئالدىدا ئۆزىڭىزنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىقىنى ھېس قىلغاندەك، ۋەتەننىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ئالدىدا ھەرقانچە قىلىپمۇ مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلغاندەك ھېس قىلىدىكەنسىز، − دېدى سۈبھىنۇر ئويغا چۆمگەن ھالدا.

    ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

    بۇ بىر جۈپ ياش ئۇزاق يىللىق بىلىم ئىگىلەش يولىدا ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدى.

    ئەسقەر ياسىن مۇنداق دېدى: ئېسىمىزدە قېلىشىچە، گۈزەل بالىلىقىمىزنى ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەنىدۇق، بىز ھازىرغىچە بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ياشاپ، ئۆزئارا غەمخورلۇق قىلىشىپ كەلدۇق، دوستلۇقىمىز ئۇزاق داۋاملاشتى. شىنجاڭدىن ئايرىلىپ، مۇئەللىم، ساۋاقداشلارنىڭ مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئانا مەكتىپىمىزنىڭ غەمخورلۇقىنى ھەم ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. ھەر قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان بارلىق شىنجاڭلىق بالىلارغا ئوخشاش بېشىمىزنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدۇق.

    شۇ چاغدىكى ئىشلار بۇ ئىككى ياشقا ناھايىتى زەربە بولغانىدى، سۈبھىنۇر مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا بىز ئەمدى قايتا ئويلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى، چۈنكى بىز ئۇيغۇر ياشلار قانداق بولساق، بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى شۇنداق بولىدۇ. يۇرتىمىز ھەم مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز بار، دەپ ئويلىدۇق.

    ئۇلار 5- ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەمەلىي خىزمىتىگە، بولۇپمۇ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرىنى يىغىنچاقلاپ، بۇ ماقالىنى يېزىپ پۈتتۈردى. ماقالە ئۈندىدار جامائەت سۇپىسىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، «شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇھىم قائىدىنى تونۇپتۇ، ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپتۇ، دەرۋەقە ناھايىتى قالتىس ئىش بوپتۇ، سىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!». بىز شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ پەخرى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، ئۆزىمىزنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرەيلى...

    ئەسقەر ياسىن بىلەن سۈبھىنۇر مۇنداق دېدى: بىز مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ياشلارنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى سۆزلىدۇق.

    ئەسقەر ياسىن مۇنداق دېدى: سەمىمىي، چىن بولغاندىلا، ئاندىن سەمىمىيەت كۆۋرۈكىنى، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق ئاساسىنى سالغىلى بولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى سەمىمىيلىكتە. ئەگەر ھەربىر ئۇيغۇر ياش كەڭ قورساق بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتى، تىلى، مەدەنىيىتىنى ئىگىلەپ، گۇماننى ئازايتىپ، ئەپۇچان بولساقلا، ئارازلىقنى تۈگىتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشالايمىز. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ھەربىر ئۇيغۇر ياشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز، ئالغا بېسىشىمىزنى باش نىشانغا يېتىش بىلەن ئاڭلىق بىرلەشتۈرۈپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئاز- ئازدىن ئىشلەپ، ھازىرقى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قانۇن بويىچە قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پائال قوللاپ، چۈشىنىپ ۋە ماسلىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.