باش بەت>شىنجاڭ

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-05 12:52:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

قۇرۇلۇشقا 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قۇرۇلۇشنى ئۈچ يىلدا تاماملاش مۆلچەرلەندى

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى جاۋ چۈنخۇا خەۋىرى: دۆلەتنىڭ «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ مەملىكەت خاراكتېرلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزىدىغان مەيدان- سارايلار كەمچىل بولۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە پىلانلانغان، 3 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا 5- ئاينىڭ 31-كۈنى ئىش باشلاندى، قۇرۇلۇشنى ئۈچ يىلدا تاماملاش مۆلچەرلەندى.

     ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرى كۆرگەزمە يولى 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، قەشقەر يولىنىڭ شەرقىدىن جەنۇبىغىچە بولغان ئورۇنغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن كۆلىمى تەخمىنەن 480 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 305 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، مەركەز ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە مەيدانى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى، تەنھەرىكەتچىلەر مېھمانخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تەنتەربىيە مەيدانىدا 30 مىڭ ئورۇن، تەنتەربىيە سارىيىدا 12 مىڭ ئورۇن، سۇ ئۈزۈش سارىيىدا 3000 ئورۇن، ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتىكا سارىيىدا 2000 ئورۇن بار.

     ئۇقۇشىمچە، بۇ تۈردە PPP ئەندىزىسى (ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتال ھەمكارلىقى) قوللىنىلغان بولۇپ، مەبلەغنى تۈرنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار غەملەيدىكەن. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، مۇسابىقە كۆرۈش بىر گەۋدىلەشكەن تەنتەربىيە ئالاقە سۇپىسى بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. بۇ تۈر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ پەن- مائارىپ- مەدەنىيەت مەركىزىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.