باش بەت>شىنجاڭ

تۆت دۆلەت بوكسچىلىرى توققۇزتارادا ‹‹تۇتۇشىدۇ››

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-05 12:39:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئەكبەر ئىسمائىل خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەشىق زالى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چۈشتىن كېيىن رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن كەلگەن بوكسچىلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتتى. 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 6 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ‹‹توققۇزتارا›› خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن بۇ بوكسچىلار شۇ كۈنى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى بوكسچىلار بىلەن بىللە كوللېكتىپ مەشىق قىلدى.

    ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسى 2003 – يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قورغاس قاتارلىق جايلاردا بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. تەجرىبە توپلاش، ماھىرلارنى چېنىقتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بۇ مۇسابىقە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە قوشنا ئەل بوكس كوماندىلىرى بىلەن ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشىدا ئىجابىي رول ئوينىغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە شىنجاڭ بوكس كوماندىسىدىكى بوكسچىلار ئۈچۈن مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق ئەمەلىي مەشىق، شۇنداقلا ياخشى چېنىقىش، تەجرىبە توپلاش پۇرسىتى ئىكەن. رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىن 26 بوكسچى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا كەلگەن.

    شىنجاڭ بوكس ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكس تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى ئىكەن، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئارىسىدا ئاسىيا ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرىمۇ بار ئىكەن. ماھىرلار كوللېكتىپ كوماندىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا سەككىز ئېغىرلىق ئايرىمىسى بويىچە مۇسابىقىگە چۈشىدىكەن. شىنجاڭ كوماندىسىدىن 14 بوكسچى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك 13 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 13 ماھىر بار ئىكەن، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە ماھىرلارنى ئەمەلىي مەشىقلەندۈرىدىغان، ئىشەنچىنى تاۋلاپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پۇختا تەييارلىق كۆرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەن.