باش بەت>شىنجاڭ

يەنە بىر مۆجىزە يارىتىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-14 11:53:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

قاراماينىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئارقىلىق، بايلىق تىپىدىكى شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكى توغرىسىدا

  مياۋ جۈنجيې، ليۇ يى

     يېقىندا پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىدىن ئايروپىلان ئارقىلىق كەلتۈرۈلگەن يېڭى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىۋاسىتە قارامايلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى، كىشىلەر ‹‹قاراماي›› دەپ نام بېرىلگەن، تەرەققىي قىلغان، قەد كۆتۈرگەن بايلىق تىپىدىكى بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز مۆجىزە يارىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    ھالبۇكى، بايلىق تىپىدىكى شەھەر قاراماي رېئاللىققا يۈزلىنىشى كېرەك، تەرەققىيات ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىشتا مەڭگۈ نېفىتقا تايىنىۋالماي، باشقا تەرەققىيات شەكلىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

    يېقىنقى يىللاردىكى قارامايغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ‹‹دۇنيا نېفىت شەھىرى››، ‹‹ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھىرى›› قاتارلىق يېڭى ناملار نېفىت دېگەن نامنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، قاراماينىڭ نام كارتىسىغا ئايلاندى. بۇنىڭغا قاراماينىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش شەكلىنى تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، نېفىتقا يۆلىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشقانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلگەن يېڭى شەيئى، يېڭى تېخنىكىلار قارامايغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىر خىل تەرەققىيات شەكلى ئارقىلىق چوقۇم تارقاق، پارچىلانغان كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولغان شەھەر تەرەققىيات توپىنى ھاسىل قىلىش كېرەك. يۇغۇرما تەرەققىيات قارىشى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ئىلگىرى نېفىت قېزىشنى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلغان بۇ شەھەر مانا ھازىر يۇغۇرما تەرەققىياتتىن يېڭى ئېنېرگىيە تاپتى.

     كەسىپلەرنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردى

     نېفىت سانائىتى قاراماينىڭ جان تومۇرى، قاراماينىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىمۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى.

    قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى جاڭ خۇڭيەن 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى 2010 – يىلى ‹‹دۇنيا نېفىت شەھىرى›› بەرپا قىلىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹بايلىق مەنبەسى شەھىرى قۇرۇش››تىن ئىبارەت ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى بولمىغان تەرەققىيات شەكلىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ‹‹كۆپ خىل كەسىپ گۈللەنگەن شەھەر›› قىلىپ قۇرۇش تەرەققىيات شەكلىگە ئۆزگەرتتى. بۇنىڭدا ئالتە چوڭ بازا قۇرۇش (نېفىت – گاز ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى، تېخنىكا مۇلازىمىتى، ماشىنىسازلىق، نېفىتنى زاپاس ساقلاش، قۇرۇلۇش مائارىپى)، ئۈچ چوڭ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش (ئۇچۇر، پۇل مۇئامىلە، ساياھەت)، ئىككى چوڭ سۇپا بەرپا قىلىش (يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر ۋە ئەڭ بىخەتەر شەھەر بەرپا قىلىش) ئاساسىي مەزمۇن قىلىندى. بۇلار قىسقارتىلىپ ‹‹632›› تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى دەپ ئاتالدى. ‹‹632›› تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوخشىمىغان كەسىپلەر بەس – بەستە قارامايغا مەركەزلىشىپ، قاراماينىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى.

    ‹‹12 – بەش يىل››دا قاراماي شەھىرىنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى ‹‹11 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىدىكىدىن %77.6 ئېشىپ، كىشى بېشى GDP سى 150 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئالدىدا تۇردى. ئالتە چوڭ بازا قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭى گۈللەنمە كەسىپلەر تېز راۋاجلاندى، بولۇپمۇ پۇل مۇئامىلە، ئۇچۇر، ساياھەت كەسپىنىڭ تۈرتكىسىدە، 3 – كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDP دە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2010 – يىلىدىكى %14.1 تىن 2015 – يىلى %31.9 كە يېتىپ، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى خەۋپ – خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. قاراماي شەھىرى 2016 – يىلى دۆلەت ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى زورايغان ۋە نېفىت باھاسى سىجىل تۆۋەنلەپ كەتكەن مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتكە ئاساسەن، نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ بىرلەمچى، ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلىرىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى تولۇق قېزىپ، ئۇچۇر، پۇل مۇئامىلە، ساياھەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ گۈللەنمە كەسىپكە كۆپ نۇقتىدىن كۈچەپ، ئېشىش سۈرئىتىنى %20.2، %6.1، %20.9 كە يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ زور كۈچ بەخش ئەتتى.

    قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر قاراماينىڭ تەرەققىياتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، تېخىمۇ يېڭى پەللىگە ئۆرلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، كېيىنكى قەدەمدە قاراماي شەھىرى ‹‹632›› تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ‹‹دۇنيا نېفىت شەھىرى›› بەرپا قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، قاراماينىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ.

      رايونلارنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردى

     قاراماي شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم مەركىزىگە جايلاشقان ھەم ئەتراپتىكى تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 5 –، 7 –، 8 –، 9 –، 10 – شىسى بىلەن تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، بەش شى ئەندىزىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ رايون گەرچە تۈرلۈك تەرەققىيات شارائىتىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرىدىغان ئىقتىسادىي بەلباغ دائىرىسىدە ئەمەس. ئەگەر تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، بەش شى يېڭىلىق يارىتىشچان تەدبىر قوللانمىسا، شىنجاڭنى كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇش دولقۇنىدا تاشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ مۇبادا تەرەققىياتتىكى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ماسلاشتۇرۇلغان يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرەلىسە، يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

     قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى زۇ شيېخۇا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى يۇغۇرما تەرەققىيات تەپەككۇرىغا ئاساسەن ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىنى پائال كېڭەيتىپ ھەم بىرلىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم رايونى يۇغۇرما تەرەققىيات كېڭىشىنى قۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلدى.

     يېڭىلىق يارىتىلغان بۇ مېخانىزمنىڭ تۈرتكىسىدە قاراماي شەھىرى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بىر قاتار ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى ھەم ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست، بەش شى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىپ، رايوننىڭ تەسىر كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشقان، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 220 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالتە يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان.

     جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن قاراماي شەھىرى رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتنىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەرەققىيات سۇپىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     خەلقئارا بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدى

    ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۇلۇغ تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئۆز ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىشتىكى يېڭى پۇرسەتنىڭ ‹‹دېرىزە›› سىنى ئاچتى. ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىش تەرەققىيات ئەندىزىسىمۇ قارامايغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى.

    يېقىندا گۋادار پورتىنىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى قارامايغا توشۇيدىغان يەرلىك كارخانا شىنجاڭ ‹‹يۈفېي›› خەلقئارا بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتى(تۆۋەندە ‹‹يۈفېي›› شىركىتى دېيىلدى) گۋادار پورتى ئەركىن سودا رايونىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ماكانلىشىپ، بۇ كارخانا ئەركىن سودا رايونىدىكى پاكىستان ئاكسىيە نازارەتچىلىك جەمئىيىتىنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن جۇڭگو – پاكىستان شېرىكچىلىكىدىكى تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لو جۈن مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە ‹‹جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى›› يىرىك پىلانى كارخانىلارغا ‹‹سىرتقا چىقىش›› پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى بازارنى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە يەرلىك ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ بېلىقچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەم تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

     ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ قاراماي، جۇخەي شەھەرلىرى 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى پاكىستاننىڭ گۋادار رايونى بىلەن ئۈچ تەرەپ ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلىپ، قاراماي شەھىرى بىلەن جۇخەي شەھىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى، پورت ھەمكارلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، گۋادار رايونى بىلەن دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

     ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ۋە ‹‹جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى›› يىرىك پىلانى ياراتقان تارىخىي پۇرسەتنىڭ ياردىمىدە سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ‹‹يۈفېي››غا ئوخشاش كارخانىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىشىغا ياردەم بېرىش قاراماينىڭ كەلگۈسىدىكى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. ھازىر قاراماي شەھىرى رۇسىيەنىڭ ئىسكىتىم شەھىرى، قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋ شەھىرى، ئاقتۆپە شەھىرى، پاكىستاننىڭ گۋادار رايونى ۋە موڭغۇلىيەنىڭ ئۇلانباتۇر شەھىرى بىلەن رەسمىي خەلقئارا دوستانە شەھەرلەردىن بولۇپ قالدى. كەلگۈسىدە قاراماي شەھىرى چېگرا سىرتىدىكى دوستانە شەھەر قاتارلىق سۇپىنىڭ ياردىمىدە تاشقى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى، ئورتاق نەپ ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

     يۇغۇرما تەرەققىيات قاراماينىڭ كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشىلاپ ھەم سەرخىللاشتۇرۇپ قالماي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەخش ئەتتى، ئەتراپتىكى رايونلار، دۆلەتلەر بىلەن بولغان يۇغۇرما تەرەققىياتنى راۋاجلاندۇرۇپ، قارامايغا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.