باش بەت>شىنجاڭ

5–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7–ئاينىڭ 20–كۈنى باشلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-14 12:02:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە باشقۇرىدىغان 5 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارالىق مىللىي ئۇسسۇل بايرىمى 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا ئېلىمىز ۋە چەت ئەلنىڭ 20 نەچچە سەنئەت ئۆمىكى 60 نەچچە مەيدان ئويۇن قويىدىكەن.

    «جۇڭگو ئارزۇسى، رەڭدار يىپەك يولى» باش تېما قىلىنغان بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا بىرما، كونگو، گىرۇزىيە، پاكىستان، مىسىر، پولشا، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۇكرائىنا، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇنەۋۋەر سەنئەت ئۆمەكلىرى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئوپېرا ۋە ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى قاتناشتۇرىدىكەن.

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەنئەت ئۆمەكلەردىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى تەييارلىغان «مۇقام ناۋاسى»، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى تەييارلىغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، شاڭخەي سېرك مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى سېرك ئۆمىكى بىرلىكتە تەييارلىغان «شېرىن چۈش»، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان «ئىلگىرىلەش روھى»، ئاقسۇ تارىم سەنئەت ئۆمىكى تەييارلىغان «كەنتكە مۇھەببەت» قاتارلىق نومۇرلارمۇ بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

    بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدىكى بارلىق ئويۇنلاردا تۆۋەن باھالىق بېلەت ۋە پاراۋانلىق مەخسۇس مەيدانلىرى تەسىس قىلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت نومۇرلىرىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدىكەن.

   ئۇقۇشىمچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمى مەزگىلىدە، يەنە توردىكى ھەمتۈرتكىلىك ئۇسسۇل پائالىيىتى، جۇڭخۇا چاڭچىلە سەنئىتى ھەپتىلىكى، شىنجاڭ ياشلار ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى، شىنجاڭنىڭ ئاسار ئەتىقىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ياشلار ئويما رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.