باش بەت>شىنجاڭ

2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا مەسلىھەت بېرىش كېلەر ھەپتە باشلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-06-16 18:28:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن 6- ئاينىڭ 14-كۈنى ئىگىلىنىشىچە، «2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا مەسلىھەت بېرىش ھەپتىلىكى» 22-ئىيۇن باشلىنىدىكەن. مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىلقى توردا مەسلىھەت بېرىش پائالىيتى 6- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە؛ ھەركۈندىكى مەسلىھەت بېرىش ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 گىچە بولىدىكەن. مەسلىھەت بېرىش مەزگىلىدە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق ئالىي مەكتەپ، كۆپ ساندىكى ئۆلكە ھالقىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى توردا سۇئاللاردا جاۋاب بېرىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە يەرلىكنىڭ مەسلىھەت بېرىش تور ئادرېسى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.