باش بەت>شىنجاڭ

«قۇربان تاغا، ئەسلەيمىز سىزنى» ناملىق ناخشا ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-03 20:24:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى گۈلمىرە مۇھەممەت خەۋىرى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەن كېرىيەلىك دېھقان قۇربان تۇلۇم نەچچە قېتىم ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋ زېدۇڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغانىدى، 1958 – يىل 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى قۇربان تۇلۇم بۇ ئارزۇسىغا يېتىپ، رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.

    قۇربان تۇلۇمنىڭ رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ 59 يىللىق خاتىرە كۈنىدە شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك ئارتىسى شامىل شاكىر قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا قىلغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە ‹‹قۇربان تاغا، ئەسلەيمىز سىزنى›› ناملىق ئىجادىي ناخشىسىنى ئاممىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.

    ئۇقۇشىمچە، بۇ ناخشىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەينى يىللاردىكى بېيجىڭغا بېرىپ رەئىس ماۋزېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكى، كۆرۈشكەندىن كېيىنكى ھاياجانلىق ھېسسىياتى، 2014 – يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرە قىزى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ بوۋىسىغا ئوخشاش ۋەتەننى، خەلقنى سۆيىدىغان كادىر بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى، شۇنداقلا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ھازىرقىدەك تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش ئاتا قىلغانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

    شامىل شاكىرنىڭ ‹‹قۇربان تاغا، ئەسلەيمىز سىزنى›› ناملىق ئىجادىي ناخشىسى ئېلان قىلىنغان بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ بۇ ناخشىغا بەرگەن باھاسىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە، بىرنەچچە شەھەر ئاھالىسىنى زىيارەت قىلدىم.

    ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى نۇربىيە ئابدۇقادىر ئۈندىداردا بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان ئىكەن، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ناخشىنى ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالدىم، ناخشىنىڭ مېلودىيەسى ياكى مەزمۇنى بولسۇن، كىشىگە تولىمۇ يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدىكەن، ناخشىدا قۇربان تۇلۇمنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى چوڭقۇر ئىپادىلىنىپتۇ. قۇربان تۇلۇمنىڭ مىننەتدارلىق روھى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى دىڭ مەن مۇنداق دېدى: شامىل شاكىر ئۇستاز ناخشىنى ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپتۇ، ناخشىدا بىزنىڭ ئىناق جەمئىيەتكە بولغان تەلپۈنۈشىمىز، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئېجىل – ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.