باش بەت>شىنجاڭ

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا قىممىتى %41.9 ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 21:23:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى خاسىيەت جۈمە خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2017 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 62 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.9 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2016 – يىلى 11 – ئايدىن 2017 – يىلى 6 – ئايغىچە بولغان سەككىز ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدا ئۇدا مۇقىم ئېشىشتەك ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن.

    ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت قىممىتى 53 مىليارد 550 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.8 ئاشقان. ئىمپورت قىممىتى 8 مىليارد 750 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.7 ئاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئىستېمالىنىڭ جانلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىز تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

 ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا قازاقىستان يەنىلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىدىكى ئەڭ چوڭ شېرىكى بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان ئىمپورت – ئېكسپورت سودا ئومۇمىي قىممىتى 27 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.8 ئاشقان.

    ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايون بويىچە تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

 ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قەغەز بوتقىسى، مىس، تۆمۈر رۇدىسى قاتارلىق بايلىق تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت مىقدارى خېلى زور دەرىجىدە ئاشقان.

    ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت يۈك مىقدارى 309 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.16 ھەسسە كۆپەيگەن. سودا سوممىسى 1 مىليارد 390 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %65 ئاشقان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت قىلغاچ مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنغان تاۋارلىرىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 ھەسسە كۆپەيگەن. قەشقەر باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى، ئالاتاۋ پورتى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.

    ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىكى چېن گولياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاشقى سودىنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا دائىر سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىدىن شەكىللەنگەن تاشقى سودا تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەر بىرلىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپ مەنبەلىك بازارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچنى ھاسىل قىلدى.