باش بەت>شىنجاڭ

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-04 21:28:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى رەناگۈل خۇدابەردى خەۋىرى: ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى باشلاندى. شۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى ئىشخانىسى ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى نەق مەيداندا كۆرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىدىن كەلگەن ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
  پائالىيەتتە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىم ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ شەرتلىرى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇردى، ئاندىن ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانىنى كۆردى.
  ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئەلفىنۇر ئەسقەر مۇنداق دېدى: مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغانىدىم. تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىدا 555 نومۇر ئاپتىمەن، بۇ نەتىجەم بىلەن بۇ يەردىكى خالىغان ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيالايتتىم، لېكىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش، ياتاق - تاماق شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى، ئېتىبار سىياسەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىچكىرىدە ئوقۇشنى تاللىدىم، ئاتا - ئاناممۇ تاللىشىمغا قوشۇلدى. بۈگۈن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ئادىل ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم.
  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا پىلان بويىچە 9880 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن، 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدىكەن.