باش بەت>شىنجاڭ

«دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن» بولۇش مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىندى؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 10:45:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ــ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىگە نەزەر

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى: ياڭ شۇخەن

  مەملىكىتىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى 2015- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغاندىن كېيىن، «دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن» بولۇش مەسىلىسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. مۇخبىر ئىككى يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «دېلو تۇرغۇزۇش قىيىن» بولۇش ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولدى؟ سوت مەھكىمىلىرى «دېلو كۆپ، دېلو بېجىرىدىغان ئادەم ئاز» بولۇش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلدى؟ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا مۇخبىرلىق قىلدى.
  ئاممىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشىغا قولايلىق يارىتىلدى
  شىنجاڭ «دىجې» ئادۋوكاتخانىسىنىڭ ئادۋوكاتى ياڭ خۇڭ ھازىرقى دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملىتىش تۈزۈمى تىلغا ئېلىنغاندا ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ئىككى يىل مابەينىدە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇشى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتى، ئەدلىيەدە ئاممىغا قولايلىق يارىتىلىپ، ئاۋامغا خىزمەت قىلىندى. ئادۋوكاتلارلا ئەمەس، بەلكى ئەرز قىلغۇچىلارمۇ دېلو تۇرغۇزالايدىغان بولدى.
  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان ئىككى يىلدىن بۇيان جەمئىي 608 مىڭ دېلونى قوبۇل قىلىپ، قوبۇل قىلغان دېلو %98.58 ئېشىپ، نەق مەيداندا تىزىملاپ دېلو تۇرغۇزۇش نىسبىتى %3.94كە يەتتى. بۇ جەھەتتە ئامما قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دېلو تۇرغۇزۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشكەندىن باشقا، ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش تۇرغۇزۇلغان دېلونىڭ تېز كۆپەيگەنلىكى بولدى.
  سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى دېلو تۇرغۇزۇش زالىدا ئەرز قىلغۇچىلارنى يېتەكلەش سۇپىسى تەسىس قىلدى. كوللېگىيە خادىملىرى نۆۋەت بىلەن دىجورنىلىق قىلىپ، ئەرز قىلغۇچىلارنى ئەرز قىلىدىغان كۆزنەككە يېتەكلەش، ئەدلىيە ياردىمى بېرىش بەلگىلىمىسىنى چۈشەندۈرۈش، ئەرز قىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ئەسكەرتىش، دېلونى تەكشۈرۈپ سۈرۈشتە قىلىشقا ياردەملىشىش، ئەرز قىلىش ماتېرىياللىرىنى يېزىشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق قانۇن مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.
  قابا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى «ئەرز بولسىمۇ قوبۇل قىلماسلىق، دېلو بولسىمۇ تۇرغۇزماسلىق» ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىزىمغا ئېلىپ دېلو تۇرغۇزۇش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەرزلەرگە قارىتا ئەرز قىلىنىدىغان ماتېرىياللارنى قوبۇل قىلىش تىزىملىكى چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ماتېرىيالى تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىغا قارىتا يازما ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تولۇقلاش مۆھلىتى ھەم مۆھلەت ئۆتسىمۇ تولۇقلاپ تاپشۇرماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. قوبۇل قىلىش شەرتىگە توشمايدىغانلارغا يەتتە كۈن ئىچىدە كېسىمنامە چىقىرىپ بەردى.
  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى قانۇن- بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەرزلەرنى بىردەك قوبۇل قىلىپ، تىزىمغا ئېلىپ دېلو تۇرغۇزۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، «دېلو بولسىمۇ تۇرغۇزماسلىق، ئەرز بولسىمۇ قوبۇل قىلماسلىق، دېلو تۇرغۇزۇشنى كەينىگە سوزۇش، دېلو تۇرغۇزۇش شەرتىنى ئۆستۈرۈۋېلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى.
  تور ئارقىلىق دېلو تۇرغۇزۇلىدىغان بولدى
  ئەرز قىلغۇچىلار سوت مەھكىمىسىنىڭ توردا ئەرز قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق دېلو تۇرغۇزۇش، ئەرز- شىكايەت، سۈرۈشتە قىلىش، ماتېرىيال ئەۋەتىش قاتارلىق ئەرزىيەت ئىشلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئۆيىدە تۇرۇپلا بېجىرەلەيدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 6- ئاينىڭ 28- كۈنى سوت مەھكىمىسى ئاتلاپ دېلو تۇرغۇزۇش، ئەرز قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، دەۋاگەرلەر ئىشىكى ئالدىدىلا باشقا جايدىكى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنالايدىغان بولدى. ساۋەن ناھىيەسىدىكى جۇ X ئون نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، ساۋەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق دېلو توغرىسىدىكى ئەرزىنى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بەردى.
  ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېز ئاپتوموبىلىدىن پايدىلىنىپ توردا دېلو تۇرغۇزۇش زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش زالىدا «توردا دېلو تۇرغۇزۇش يېشىل كارىدورى»نى تەسىس قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەرز قىلغۇچىلار بىۋاسىتە دېلو تۇرغۇزالايدىغان، بىر قېتىمدىلا بارلىق رەسمىيەتنى پۈتتۈرەلەيدىغان بولدى.
  دېلو تۇرغۇزۇپ مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت، ماجىرالار پەسەيتىلدى. دېلو تۇرغۇزۇشنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن زور مىقداردىكى دېلو سوت مەھكىمىسىگە يىغىلدى. بۇ ئەھۋال سوت مەھكىمىسىنىڭ «دېلو كۆپ، ئادەم ئاز بولۇش»تەك زىددىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرى بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن مۇرەسسە قىلىش، دېلو تۇرغۇزۇپ مۇرەسسە قىلىش، مۇرەككەپ دېلو بىلەن ئاددىي دېلونى ئايرىش، ئەرز قىلىش بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ۋە كۈچەيتىپ، زىددىيەتنى پەسەيتتى.
  سايباغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە قوبۇل قىلىدىغان دېلو سانى ئەڭ كۆپ ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى بولۇپ، سوت مەھكىمىسىدىكى سوتچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە دېلو بېجىرىش سانى 100دىن ئاشىدۇ. ئاز سوممىلىق، تېز كېسىم قىلىش سوت كوللېگىيەسىدىكى سوتچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە دېلو بېجىرىش سانى 500دىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە «دېلو كۆپ، ئادەم ئاز بولۇش» زىددىيىتى گەۋدىلىك. بۇلتۇردىن بۇيان، بۇ مەھكىمە دېلو تۇرغۇزۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن دېلونى تۈرگە ئايرىش سۇپىسى ۋە ئەرز قىلىشتىن بۇرۇن مۇرەسسە قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئوخشىمىغان سوت تەرتىپىگە ئاساسەن دېلونى ئاددىي- مۇرەككەپلىكىگە قاراپ تۈرگە ئايرىش تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى. پاكىتى ئېنىق، تالاش- تارتىشى گەۋدىلىك بولمىغان ئاددىي ھەق تەلەپ دېلولىرى، ئىقتىسادىي قەرز دېلوسى قاتارلىقلارغا قارىتا، ئائىلە ئىشلىرى، خوجىلىق، ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش ماجىراسىدىكى ئەرز قىلغۇچىلارنى كىچىك سوممىلىق ئەرز سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كۆزنىكىگە بېرىپ دېلو تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىپىنى يولغا قويدى. دېلو تۇرغۇزۇش زالىدا كىچىك سوممىلىق ئەرز سوت كوللېگىيەسىنىڭ دېلو قوبۇل قىلىش دائىرىسى چۈشەندۈرمىسىنى چاپلاش، يېتەكلىگۈچى ئەرز قىلغۇچىغا تېز كېسىم قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئەرز قىلغۇچىلارغا تېز كېسىم قىلىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈردى. دېلونى تېز تۇرغۇزۇش، تېز سوتلاش، تېز ئاخىرلاشتۇرۇشتەك قاراپ چىقىش ئەندىزىسى ئەرز قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەرز قىلىش «يېشىل كارىدورى» بەرپا قىلدى.
  ئاپتونوم رايون 2016- يىلىدىن بۇيان تور ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، يۈز تۇرا ئەرز قىلىش مۇلازىمىتىنى كۆچمە خەۋەرلىشىش تېرمىنالىغا كېڭەيتىپ، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە 115 سوت مەھكىمىسى ئىقتىدارى تولۇق ئەرز مۇلازىمەت زالى تەسىس قىلدى.
  خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەلق مۇرەسسە تەشكىلاتىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىددىيەت- ماجىرانى ئۆز جايىدا ھەل قىلدى. ئەرز زالىدا مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، ئادۋوكات، قانۇن خىزمەتچىسى، پىدائىيلار قاتارلىق جەمئىيەتتىكى 3- تەرەپ مەخسۇس كۈچلەرنى يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنى قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، پىسخىك جەھەتتىن يېتەكلەش، زىددىيەتنى پەسەيتىش، ۋاكالىتەن ئەرز قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىن ئەتتى. سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرز قىلىش بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى پونكىتى قۇرۇپ، زىددىيەتنى پەسەيتىش كۆپ مەنبەلىك مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاچقا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە ماجىرانى ھەل قىلىشنىڭ كۆپ مەنبەلىك مېخانىزم ئىسلاھاتىدىكى ئۈلگىلىك سوت مەھكىمىسى» دەپ نام بېرىلدى.