باش بەت>شىنجاڭ

ئۈرۈمچى تاموژنىسى بەش يىلدا ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىن 100نى پاش قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 11:07:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى خاسىيەت جۈمە خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىن 100نى پاش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
  ئۈرۈمچى تاموژنىسى بەش يىلدا «يېشىل دولقۇن»، «يېشىل چىتلاق»، «دۆلەت دەرۋازىسىدىكى شەمشەر» قاتارلىق تېمىلاردا ئەتكەس ماللارغا مەخسۇس زەربە بېرىش بىرلەشمە ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرغان. قورال- ياراغ، ئوق- دورا، زەھەر، نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار، «چەت ئەل ئەخلىتى»، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، باجغا چېتىشلىق تاۋار ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە نۇقتىلىق زەربە بەرگەن. ئۈرۈمچى تاموژنىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان 12 پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو تاموژنا باش مەھكىمىسى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان. دۆلەت، رايون ھالقىغان بىر يۈرۈش ئەتكەسچىلىك دېلولىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، مەملىكەتلىك ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىشخانىسى بىلەن تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.
  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش ئىشخانىسىغا ئەزا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىمپورت- ئېكسپورت سودا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادىل، بىخەتەر تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇھىتى ھازىرلايدىكەن.