باش بەت>شىنجاڭ

4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەد كۆتۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-08 12:48:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

«ئاسىيا مەركىزى تورى» خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ئاياغلىشىپ ھەر قايسى ئىدارە-ئورۇنلار ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈن. قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان يېزا «قوش تىل» يەسلىلىرىمۇ بۇ كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بالىلار سەكرەپ-تاقلىغىنىچە يەسلىگە كىرىپ كەلدى. ئاتا-ئانىلار يەسلىلەرنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ماختاشتى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ چىقىپ تۇراتتى.

بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان 4408 يېزا «قوش تىل» يەسلىسى 8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلدى. بۇ يەسلىلەر يېزا-كەنتلەردە پورەكلەپ ئېچىلىپ، رايونىمىزنىڭ «قوش تىل» مائارىپىغا ئىلھام بەخش ئەتتى. ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى ئۈچ يىل يەسلىدە بولغان بالا 1 مىليون 128 مىڭ 100 گە يېتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىل» مائارىپىغا مۇستەھكەم ئۇل سېلىندى.