باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش ئەسەر مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «تىنچ جۇڭگو» مىكرو كىنو، مىكرو ۋىدىيو مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-09-10 21:50:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «تىنچ جۇڭگو» مىكرو كىنو، مىكرو ۋىدىيو مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسە يىغىنى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 6-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

«تەڭرىتاغ تورى» مۇخبىرى خەۋىرى: مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك «تىنچ جۇڭگو» مىكرو كىنو، مىكرو ۋىدىيو مۇسابىقىسىنىڭ خۇلاسە يىغىنى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن بەش ئەسەر ئەڭ ياخشى مىكرو كىنو، ئەڭ ياخشى مىكرو ۋىدىيو، مۇنەۋۋەر مىكرو ۋىدىيو مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك «تىنچ جۇڭگو» مىكرو كىنو، مىكرو ۋىدىيو مۇسابىقىسىنى مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، مەركىزىي ئۇنىۋېرسال تۈزەش كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقىگە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇن ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھەدىن ئەۋەتىلگەن 7000 غا يېقىن ئەسەر قاتناشتۇرۇلغان، 2816 ئەسەر تاللاشقا كىرگۈزۈلۈپ، 100 مۇنەۋۋەر مىكرو كىنو، 50 مۇنەۋۋەر ۋىدىيو تاللاپ چىقىلغان ۋە يەككە مۇكاپاتتىن 25 ى تارقىتىلغان.

بۇنىڭ ئىچىدە تۇرپان شەھەرلىك تەشكىلات بۆلۈمى ئىشلىگەن «ئاتا» ناملىق كىنو مۇنەۋۋەر مىكرو كىنو مۇكاپاتىغا؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىشلىگەن «مەن پارتىيە ئەزاسى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشلىگەن «دەۋا ئىنتېرنېت دەۋرى» ئەڭ ياخشى مىكرو ۋىدىيو مۇكاپاتىغا؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىشلىگەن «ئېگىزلىكتىكى قوغدىغۇچى»، قاراماي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئىشلىگەن «بىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا» مۇنەۋۋەر مىكرو ۋىدىيو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.