باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغ ۋە ئېشىش سۈرئىتىدە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-29 18:46:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

كۈنەس دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى لىم قويۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش خادىملىرى كۆۋرۈك يۈزىدە قۇرۇلۇش قىلماقتا.

«شىنجاڭ تورى» خەۋىرى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغ ۋە ئېشىش سۈرئىتىدە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىنغان مەبلەغ پات ئارىدا 200 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، يىل ئاخىرىدا قاتناش قۇرۇلۇش تۈرىدىن 19 ى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.

مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسى 200 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ رېكورت ياراتقان، بۇ، بۇلتۇرقىنىڭ 5.6 ھەسسىسىگە تەڭ ئىكەن.

بۇ يىل ئاپتونوم رايوندا قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن جەمئىي 3605 ى بار ئىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 180 مىليارد 680 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنىڭ 90.1 ى تاماملانغان بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 6.1 ھەسسە، بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلنىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ بولغان، ئاجرىتىلغان مەبلەغ ۋە ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.