باش بەت>شىنجاڭ

15-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز ساياھەت بايرىمى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى باشلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-02 18:41:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

     «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 15-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز ساياھەت بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 15-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز ساياھەت بايرىمى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا باشلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىنرۇڭنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە، 15-نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، بايرام مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ھەرقايسى رايون، ناھىيە، ئىدارە-ئورگان، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرى 90 نەچچە تۈرلۈك ئۆزگىچە قار-مۇز ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدىكى قىشلىق قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، يىپەك يولى چوڭ تىپتىكى چاغانلىق چىراغ- پانۇس سەيلىسى، تۈمەن كىشىلىك قار-مۇز تېيىلىش پائالىيىتى ۋە قىشلىق ساياھەتنى مەھەللىلەرگە يۈزلەندۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر مەركىزىي شەھەرنىڭ قار-مۇز ساياھەت بايلىقى ۋە ئاۋامنىڭ قار-مۇز ساياھىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە «ساياھەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» بويىچە قار-مۇز ساياھەت بايرىمىدىن بەھرىلىنىش كارتىسىدىن 20 مىڭنى شەھەر ئاھالىلىرىگە ھەقسىز تارقىتىدىكەن. ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نېغمەت راخمان قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.