باش بەت>شىنجاڭ

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دە چوڭقۇرلاشقان قېرىنداشلىق مېھرى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-09 11:54:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى: رەناگۈل خۇدابەردى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى قوشقۇتلۇق كوچىسى مەھەللىسىدىكى باھارگۈل يۇنۇس 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە تاماققا تەييارلىق قىلىپ قويۇپ، يېڭى يوتقان-كۆرپىلەرنى تەييارلاپ، «سىڭلىسى» ما خۇيجېننىڭ تېزرەك كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ما خۇيجېن باھارگۈل يۇنۇسنىڭ ئۆيىگە كېلىپلا قىلچە قورۇنماي پەرتۇق تارتىپ ئوخشىتىپ بىر قانچە قورۇما قورىدى، «ئاچا-سىڭىل» ئىككەيلەن بىر-بىرىنىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرىنى ماختىشىپ يىيىشكەچ، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى...

ئاپتونوم رايونىمىزدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى قوشقۇتلۇق كوچىسى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسىنى چىڭىتتى. خىزمەتكە قاتناشقىنىغا ئەمدىلا ئۈچ يىلدىن ئاشقان قوشقۇتلۇق كوچىسى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما خۇيجېن بۇ قېتىمقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دە باشلامچلىق بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى باھارگۈل يۇنۇسنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىش جەريانىدا تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

− بىز «قوشماق تۇغقان» بولغان بىر يىلدىن بۇيان، «سىڭلىم» ما خۇيجېن مېنى ئۆز قېرىندىشىدەك كۆرۈپ كەلدى، مەندىن دائىم ھال- ئەھۋال سوراپ تۇردى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم ئۆيۈمگە كېلىپ، قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ۋە قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بەردى. بۈگۈن ئۆيۈمدە قونغىلى كەپتۇ، بەك خۇشال بولدۇم، ئاتا-ئانام، ئېرىم بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن، ئوغلۇمنىڭ خىزمەت ئورنى يىراقتا بولغاچقا، كۈندە كېلىپ مېنى يوقلاپ بولالمايدۇ. يالغۇزسىراپ قالغان چاغلىرىمدا ما خۇيجېن «سىڭلىم»غا تېلېفون قىلىمەن ياكى خىزمەت ئورنىغا بېرىپ پاراڭلىشىپ كېلىمەن، ئۈرۈمچىدە ئوغلۇمدىن قالسىلا ما خۇيجېن سىڭلىم ئەڭ يېقىن يۆلەنچۈكۈم، ئۇ خۇشاللىقىم ۋە قايغۇلىرىمغا ھەمدەم بولۇپ، بىر قورساق سىڭلىمدەك كۆيۈنىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى تېخىمۇ چېڭىتتى، - دېدى باھارگۈل يۇنۇس ھاياجان بىلەن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ.

− ئادەتتە، باھارگۈل «ئاچام»نى «چۈنخۇا ئاچا» دەپ چاقىرىمەن، ئۇنىڭ مىجەزى بەك ئوچۇق، كۆرۈشكەندە پاراڭلىرىمىز تۈگىمەيدۇ، - دېدى ما خۇيجېن، - «ئاچام» 60 ياشتىن ئاشتى، بەزىدە پۇتلىرى ئىششىپ ئارام بەرمەيدۇ، شۇنداق تۇرۇپمۇ مېنى پات-پات يوقلاپ كېلىدۇ، ماڭا ئۆز ئاچامدەكلا كۆيۈنىدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» شوئار توۋلاش بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ، ھەممىمىزنىڭ «تۇغقان-قېرىنداشلىرىمىز»غا چىن مېھرىمىز بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ قېتىم تۇغقىنىم باھارگۈل يۇنۇس بىلەن بىللە يېتىپ-قوپۇپ، بىللە گېزىت-ژۇرنال ئوقۇپ، بىللە تاماق ئەتتۇق، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىللە ئۆگەندۇق، بىللە بازار ئايلاندۇق، پاراڭلىرىمىز كۆپەيدى، ئارىلىقىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، مېھىر-مۇھەببىتىمىز قويۇقلاشتى، بىر ھەپتە توشقاندا بىر-بىرىمىزگە قىيالماي قالدۇق. ئەتراپىمدىكى خادىملار بولسۇن ياكى ئاھالىلەر بولسۇن، ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دە ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، تۇغقاندارچىلىق، دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى، بۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلىشتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، تۇغقاندارچىلىقىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ...