باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، توردا تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-12 19:27:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018-يىللىق رايون ئىچىدىكى ئالىي كەسپى تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل  قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 12:00 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) داۋاملىشىدىكەن. ئىمتىھان ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنلىرى بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 3-ئاينىڭ 22-كۈنى توردىن قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىش شەرتىگە توشقانلار ۋە 2018-يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى نومۇرىغا ئېرىشكەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇلازىمەت سۇپىسى»غا كىرىپ توردا ئىمتىھانغا تىزىملاتسا ۋە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن. گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسپى بىر تۇتاش كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» بولۇشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىگە تىزىملىتىش كېرەك ئىكەن.