باش بەت>شىنجاڭ

لىشۈي شەھىرىنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى توقسۇلۇق ئىستۇدېنتلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-27 16:21:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ئىختىيارىي مۇخبىر مەمەت تۇراپ خەۋىرى: جېجياڭ ئۆلكىسى لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 110 ئىستۇدېنتقا 660 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنى ئالىي مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلدى.

بۇ ناھىيەنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى بازار كەنتىدىكى ئىبراھىم ئەخمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىمغا ۋاكالىتەن 6000 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، قىزىمغا ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىمەن.

ئىگىلىنىشىچە، لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى 2015-يىلى «لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش فوندى» تەسىس قىلغان، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى بۇ ناھىيەدىكى ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. لىشۈي شەھىرىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى فوند تەسىس قىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇ ناھىيەدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 188 ئىستۇدېنتقا 1 مىليون 128 مىڭ يۈەن پۇل تارقاتقان.