باش بەت>شىنجاڭ

شۈجۇ شەھىرى كۈيتۈن شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «ئۈچ ئەۋزەللىك»نى گەۋدىلەندۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2018-02-27 16:27:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:بەختىگۈل ئابدۇشۈكۈر

ئىختىيارىي مۇخبىر ئەخەت ئېلاخۇن خەۋىرى: 9-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرى كۈيتۈن شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «ئۈچ ئەۋزەللىك»نى گەۋدىلەندۈردى.

شۈجۇ شەھىرىدە ئەسلىدە داۋالاش، تەربىيەلەش ۋە ساياھەتچىلىكتىن ئىبارەت سىستېمىلاشقان «ئۈچ ئەۋزەللىك» بار ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ كۈيتۈن شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۆزىدىكى مۇشۇ «ئۈچ ئەۋزەللىك»نى گەۋدىلەندۈردى. سەككىز تېببىي مۇتەخەسسىسنى كۈيتۈندە ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، 15 مىڭ دېھقان-چارۋىچىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈردى، 213 ئادەمگە كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى، داۋالاش قىيىن بولغان 168 ئاغرىققا مۇزاكىرىلىشىپ دىياگنوز قويدى. داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش بويىچە مەھەللىلەردە 500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، ئاممىنى شۈجۇنىڭ ئىلغار داۋالاش تېخنىكا بايلىقىدىن بەھرىمەن قىلدى؛ شۈجۇ شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى، ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بىلەن كۈيتۈن شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى. كۈيتۈن شەھىرىدىكى ئىختىساسلىقلارنى شۈجۇ شەھەرلىك پارتىيە مەكتىپى، جىڭگاڭشەن كادىرلار ئىنستىتۇتى، يەنئەن كادىرلار ئىنستىتۇتىغا مەخسۇس تەربىيەلىنىشكە، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىپ، ئىككى جايدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇردى. «كۈيتۈنلۈكلەر شۈجۇنى زىيارەت قىلىش»، «10 مىڭ جياڭسۇلۇق ئىلىنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، كۈيتۈندىن 200 ئىختىساسلىق خادىمنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ شۈجۇنى كۆرۈشكە ئەۋەتتى، بۇلتۇر «10 مىڭ جياڭسۇلۇق ئىلىنى ساياھەت قىلىش» ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت − جەلپكار كۈيتۈن» تېمىسىدىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. كۈيتۈنگە كەلگەن شۈجۇلۇق ساياھەتچى 10 مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئاشتى.