باش بەت>شىنجاڭ

بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خاتىرىسى

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-10 19:53:00 مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:

 

خوتەن شەھىرى سېرىق يوپۇرماق كەنتىدىكى نامرات ئاھالە تۇنىياز ئابدۇقادىر (سولدا) بېيجىڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشىدە قۇرۇلغان پارنىكتا يېڭىلا پۇتالغان ئارتۇقچە قوغۇنلارنى كۆرسەتمەكتە. (4-ئاينىڭ 18-كۈنى فوتوسى)

     شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭ بىلەن خوتەننىڭ ئارىلىقى 4000 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى باشلانغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىككى جاينىڭ رىشتى چىڭ باغلانغان بولۇپ، 21 يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى جاي جاپا-مۇشەققەتلەرنى بىرلىكتە يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ تەرەققىي تاپمىغان ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە داڭلىق «ماركا» سىنى ياراتتى.

(لو شياۋگۇاڭ فوتوسى)


خوتەن دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچىسى باشلامچى رايونى ئۈزۈم تېرىقچىلىق پارنىكىدا بېيجىڭدىن كەلگەن ئۈزۈمچىلىك مۇتەخەسسىسى شۈ خەييىڭ (ئوتتۇرىدا) شۇ جايدىكى كىشىلەرگە ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. (4-ئاينىڭ 19-كۈنى فوتوسى)


بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر، قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ خاۋشېڭ (ئوتتۇرىدا) قاراقاش ناھىيەسى بېيجىڭ باغچىلاشقان سانائەت رايونى توقۇمىچىلىق باغچە رايونى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. (4-ئاينىڭ 20-كۈنى فوتوسى(



بېيجىڭنىڭ نىشانلىق ياردىمىدە سېلىنغان قاراقاش ناھىيەلىك بېيجىڭ ئوتتۇرا مەكتىپى كۇتۇپخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار كىتاب كۆرمەكتە. (4-ئاينىڭ 20-كۈنى فوتوسى)

 

خوتەن ناھىيەسى باغچى بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىنىڭ بېيجىڭ نىشانلىق ياردەم قىلغان داۋالاش ئۇنىۋېرسال بىناسى ئالدىدا بىمار چۈشلۈك تاماق يېيىشكە تەييارلانماقتا. (4-ئاينىڭ 19-كۈنى فوتوسى)