باش بەت>شىنجاڭ

جياڭسۇ ئۆلكىسى ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-15 17:16:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئىختىيارىي مۇخبىر ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئۆمىكى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ سادىقيۈزى يېزىسىدىكى ما شيۇلەن گۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا جۇخارگۈلى كۆچۈرۈۋاتاتتى. نەنتۇڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى بىلەن، ھازىر نەنتۇڭ شەھىرىنىڭ «شەھەر گۈلى» بۇ گۈل ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ داڭلىق گۈلىگە ئايلاندى. سادىقيۈزى يېزىسىنىڭ «گۈل يۇرتى» دېگەن نامى بار ئىدى. بۇلتۇر نەنتۇڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى يەرلىكتىكى گۈل سورتلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش ئۈچۈن، جۇخارگۈلىنى كىرگۈزۈپ يېتىشتۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك ياسىدى، جۇخارگۈلى ئانىلىق تۈپىدىن 3200 نى يۆتكەپ كېلىپ كۆچۈردى ھەم گۈل تېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارغا دەرس ئۆتكۈزدى. نەنتۇڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، غۇلجا ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ياڭ مۇنداق دېدى: بىز گۈلچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ گۈل يېتىشتۈرۈش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىشىنى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا گۈل بازىرى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۈيى، قۇياش نۇرى بايلىقى مول بولسىمۇ، تېخنىكا كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن دېھقانلار قىسقۇچپاقا، راك بېقىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنالمىغانىدى. 2015-يىلىدىن باشلاپ يەنچېڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن يەرلىكتىكى كارخانىلار جياڭسۇ سۇ مەھسۇلاتلىرى پەن تەتقىقات تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، شاللىقتا قىسقۇچپاقا، راك بېقىشتەك تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىنى قوللاندى. ئىككى تەرەپنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە، ئىشلەپچىقىرىلغان سۈپەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى ئاستا-ئاستا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى كۆپەيدى. كان يېزىسىنىڭ قولتۇقچىغ كەنتى سۇ مەھسۇلاتلىرى − سۇ بايلىقى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى گۇەن شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ بۇلتۇر ھەر بىر مو يەردىن قىلغان كىرىمى 1500 يۈەندىن ئاشتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى تارماقلىرىنىڭ ياردىمىدە بۇ يىل قىسقۇچپاقا باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، شاللىقتا راك، قىسقۇچپاقا بېقىشتەك تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىق بىرلەشكەن ئەندىزىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، 300 دىن ئارتۇق دېھقاننى مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەيمىز.