باش بەت>شىنجاڭ

فۇجيەن ئۆلكىسى شىنجاڭدا داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت:2018-05-15 18:47:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

سۈرەتتە: بۇ داۋالاش ئەترىتىدىكى يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن كەنتىدە خالىس كېسەل كۆرمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ۋېي فوتوسى)

فۇجيەن ئۆلكىسى 7-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇپ، داۋالاش، خالىس كېسەل كۆرۈش شۆبە ئەترىتىنى 36 قېتىم خالىس كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىگە تەشكىللىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قىممىتى 150 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان ھەر خىل تېببىي دورىنى ھەقسىز تارقاتتى.