باش بەت>شىنجاڭ

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قولايلاشتۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2018-08-04 14:17:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. (مۇخبىرلار سۈن جې، جوۋ يې) جېجياڭ ئۆلكىسى يولغا قويغان «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەۋاتقان دېھقانلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش نۇرغۇن نامرات ئاممىنى تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

  مۇخبىرلارنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» جېجياڭ ئۆلكىسى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى ئىكەن. بۇلتۇردىن بۇيان، نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان ئاقسۇ ۋىلايىتىدە جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يېزا-كەنتلەرگە نۇقتىلىق ھالدا توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، ھەمراھ زاۋۇت ۋە ھەمراھ سېخلارنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگەن.

  دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان نامرات ناھىيە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە، 28 ياشلىق پاتىگۈل مۇتەللىپ كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا مۇستەقىل كىيىم تىكەلەيدىغان بولدى. بۇلتۇر 7-ئايدىن باشلاپ، ئۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرىدىن ماسلاشتۇرۇپ كىرگۈزۈلگەن كىيىم-كېچەك كارخانىسىدا ئىشلىدى. زاۋۇت ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىنلا جايدا بولۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە، پاتىگۈل مۇتەللىپ بالىسىنى كەنت يەسلىسىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، خاتىرجەم ھالدا زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەيدىغان بولدى. بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ پۇل تېپىۋاتقان پاتىگۈل مۇتەللىپ بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يېرىمىز بولمىغاچقا، ئىلگىرى ئېرىمنىڭ كىرىمىگە تايىنىپلا بىر ئائىلىنى قامدايتتۇق، ھازىر تۇرمۇشىمىز كۆپ ياخشىلىنىپ كەتتى.

  خۇجوۋ شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە «چىقىرىش»، «كىرگۈزۈش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يەتتە كارخانىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، پاتىگۈل مۇتەللىپكە ئوخشاش شۇ جايدىكى نۇرغۇن دېھقان ئىشىكى ئالدىدىلا ئىش ئورنىغا ئېرىشىپ، «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» قۇرۇلۇشىدىن نەپ ئالدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇلتۇردىن بۇيان، خۇجوۋ شەھىرى يەنە 6 مىليون يۈەنگە يېقىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، 20 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى ماسلاشتۇرۇپ قۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ، «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» قۇرۇلۇشىنى كەلپىن ناھىيەسىدە يىلتىز تارتقۇزدى. پاتىگۈل مۇتەللىپ ئىشلەۋاتقان كىيىم- كېچەك زاۋۇتى 8-ئايدا يېڭى زاۋۇت بىناسىغا كۆچۈپ كىرسە، يېزىدىكى 800 ئارتۇق ئەمگەكچىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدىكەن.

  خۇجوۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كەسىپ ۋە قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ گوبىن مۇنداق دېدى: «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا يەنىلا شۇ كارخانىنىڭ تىجارەتنى مۇقىم داۋاملاشتۇرالايدىغان ياكى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقى ئاچقۇچ. ھازىر، كىرگۈزۈلگەن كارخانىلار زاۋۇت بىناسىنىڭ ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، بۇ، كارخانىنى پايدىغا، ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىقتىسادىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرىدۇ.

  «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، جېجياڭدىكى جايلارمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، جياشىڭ شەھىرى شايار ناھىيەسىدە «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش كىچىك بازىرى قۇردى؛ جىنخۇا شەھىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كونا تاشلاندۇق زاۋۇت بىناسى، مەكتەپ قاتارلىق بايلىقلىرىنى جانلاندۇرۇشنى تۈرنى ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى قىلدى؛ نىڭبو شەھىرى «بىر تۈركۈمنى كىرگۈزۈش، بىر تۈركۈمنى يۆتكەش، بىر تۈركۈمگە ياردەم بېرىش»تەك كارخانا ياردەم بېرىش پىرىنسىپىنى تۈزدى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «100 كەنتتە 1000 زاۋۇت بولۇش» بويىچە كىرگۈزۈلگەن كارخانا 46 گە، سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمىي سومما 959 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى 4000 غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.