باش بەت>شىنجاڭ

يىپەك يولى ساياھەت ھەمكارلىق چوڭ سۇپىسى قۇرۇلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2019-04-15 12:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

2019 جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت-سودا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يىپەك يولى ساياھەت ھەمكارلىق چوڭ سۇپىسى قۇرۇلىدۇ

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2019 جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت-سودا يىغىنى ھەم يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھەت كەسپى سودا يىغىنى چىڭخەينىڭ شىنىڭدا ئېچىلغان.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت-سودا يىغىنىنى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئىبارەت بەش ئۆلكە (رايون)لىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، «يىپەك يولىدا بەھۇزۇر ساياھەت قىلىش. گۈزەل تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنغان، غەربىي شىمالدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر ھەم ئۆلكە، شەھەر، رايونلار ئارا مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپى تەشۋىقات تونۇشتۇرۇش، ھەمكارلىق چوڭ سۇپىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى ھەمدە قومۇل شەھىرى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى، كورلا شەھىرى قاتارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرىنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت جەمئىيىتى، گاڭجۇڭلۈ خەلقئارا شىنجاڭ ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ساياھەت كوپىراتىپى، ساياھەت كارخانىسى بولۇپ جەمئىي 20 نەچچە ئورۇننى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

شىنجاڭ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 120 كىۋادرات مېتىر. يىپەك يولى تىيانشان ساياھەت لىنىيەلىرى قاتارلىق لىنىيە مەھسۇلاتلىرى، «ئاتنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش» يۈرۈشلۈك ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى قاتارلىق ساياھەت مەدەنىيەت، ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە ئۈستىقۇددۇس يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى، جىغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساياھەت تاۋارلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كېڭەشكىلى كەلگەن سودىگەر مېھمانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت-سودا يىغىنىنى سۇپا قىلىپ، غەربىي شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكە (رايون)لەر بىلەن رەسمىي يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، ئۆلكە، شەھەر، رايونلارنىڭ چوڭ بىرلەشمە ھەرىكىتىنى باشلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، ئۆلكە، شەھەر، رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ساياھەت ماركىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى ئورتاق زورايتىپ، يىپەك يولى مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ.

جۇڭگو غەربىي شىمال ساياھەت تىجارەت-سودا يىغىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىئەن، يىنچۈەندە ئالتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن، ھەر نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ھەمدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىدىكى 1000دىن ئارتۇق ساياھەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچى-ئېھتىياجلىق ئىككى تەرەپنى يىغىنغا قاتنىشىپ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىشكە جەلپ قىلدى، نەق مەيداندا ھاسىل قىلىنغان شۇ يىللىق ساياھەت ھەمكارلىقى ھەم خېرىدار مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش كېلىشىمى 10 مىڭ پارچىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، شەرقىي-غەربىي قىسىم، جەنۇب-شىمال تەرەپنىڭ ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە خېرىدار مەنبەسىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىدا پائال رولىنى جارى قىلدۇرغان.