باش بەت>شىنجاڭ

لياۋنىڭ: خەلق تۇرمۇشى تىزىملىكى  قويۇق قېرىنداشلىق مېھرى

يوللانغان ۋاقىت:2019-07-15 21:00:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

لياۋنىڭ ئۆلكىسى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئارىلىقى 4000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سەۋەبىدىن، ئىككى جايدىكى خەلقنىڭ رىشتى ئۆزئارا تۇتىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى.

نەچچە يىلدىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىسى كەسىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9- شىسى، 8- شىسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى.

«خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەۋقەسى» دېدى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى ياڭ جۈنشېڭ.

2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، بىڭتۇەن 9- شىسى 161- تۇەنى 6- ليەنىدىكى 286 ئائىلە ئىچىدىغان سۇدىن غەم قىلمايدىغان بولدى، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچى چېن گۈيرۇڭ داستىكى سۈپسۈزۈك سۇغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز بىر پۇڭمۇ خەجلىمەي پاكىز سۇ ئىچەلىدۇق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارغا رەھمەت».

2014- يىلىدىن باشلاپ، لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، 161- تۇەننىڭ مۇئاۋىن تۇەنجاڭى شۈ جېنۋۇ لياۋنىڭنىڭ سۇچىلىق مۇتەخەسسىسلىرىنى باشلاپ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى بېكىتتى. 2017- يىلى، شۈ جېنۋۇنىڭ خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان مۇئاۋىن تۇەنجاڭ جاڭ شىڭيوۋ «ئاچقۇچ تاپشۇرۇپ بېرىش»تىن ئىبارەت قاتتىق ۋەزىپە بىلەن 161- تۇەنگە كەلدى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، 6- ليەندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى 55 يىل قىيناپ كەلگەن «سۇ ئىچىش تەس بولۇش» جاھىل كېسىلى ھەل قىلىندى.

شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشىلاش ئۈچۈن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى جەمئىي 48 كىلومېتىر يول ياسىدى، 4100 يول چىرىغى ئورناتتى؛ 23 مەركەزلىك پار بېرىش ئەسلىھەسىنى، 110 كىلومېتىر ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى يېڭىدىن ئورناتتى، 8 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى؛ يېڭىدىن سۇ ئامبىرى ياسىدى، يېڭىدىن 16 كىلومېتىرلىق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش توسمىسى، 80 كىلومېتىرلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبىسى ياسىدى، 250 مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

بۈگۈنكى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئاپتونوم رايوننىڭ A3 دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر A3 دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى «ھاياتلىق كارىدورى» ۋە نۆكچە ئېرىتىپ قۇتقۇزۇپ داۋالاش «يېشىل كارىدورى»نى قۇردى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كېسەلخانا دوختۇرلىرىنى قېلىپلاشقان تەربىيەلەش بازىسى، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش قاتارلىق 11 مەركەزنى قۇرۇپ چىقتى، 76 تۈرلۈك يېڭى تېخنىكىنى قانات يايدۇردى.

لياۋنىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش «خەلق تۇرمۇشى تىزىملىكى»دە، ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى، مائارىپ تەرەققىياتى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، مەكتەپ قۇرۇش... تۈرلۈك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ئاممىنىڭ «مۇقىم بەخت»ىگە تىرەك بولۇپ، پۇقرالار رازى بولغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇردى.