باش بەت>شىنجاڭ

كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇش

يوللانغان ۋاقىت:2019-07-21 12:29:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

− 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار دۆلەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خالىس مېھىر-مۇھەببەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى بىپايان تۇپراقتا چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزمەكتە. 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: سۇبيېكتلىق ئېڭىمىزنى چوقۇم يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قىزغىنلىقىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلەپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرىمىز.

كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىش «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش

«يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، قەشقەر ۋىلايىتى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.» قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىر تۈركۈم كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «باغچە رايونى باش ئىشتابى+كەنت قۇرغان زاۋۇت» ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئىليار سېيىتنىياز مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتى جېجياڭ ئۆلكىسى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ، تۈرلەرنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق، ئەڭ تەخىرسىز خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى پائال تولۇقلاپ، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قوزغىتىدۇ.

جىمىسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلگەندىن بۇيان، شيامېن شەھىرى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شيامېننىڭ ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىپ ماكانلىشىشقا يېتەكلىدى. نۆۋەتتە، ئىككى جاينىڭ توقۇمىچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش

«7-قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمىتىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى» دېدى خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى 1-شۆبە ئوتتۇرا مەكتەپ بورتالا شۆبە مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گاۋ مىڭ. ئون يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۈركۈم-تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار بورتالاغا كېلىپ، بورتالا شۆبە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 1-تۈركۈمدىكى نومۇر چېكىگە يېتىش نىسبىتىنى 20كە يەتمەسلىكتىن 48كە ئۆستۈردى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خالىس ياردىمى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

«2017-يىلى، خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۇي شەھىرىنىڭ ياردەم بېرىشى-يۆلىشى بىلەن، خېڭشۇي ئوتتۇرا مەكتىپى لوپنۇر شۆبە مەكتىپى قۇرۇلدى. خېڭشۇي ئوتتۇرا مەكتىپى 36 پەن باشلامچىسىنى لوپنۇردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، ئىلغار مائارىپ-ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى لوپنۇرغا ئېلىپ كەلدى.» لوپنۇر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ساداقەت قادىر مۇنداق دېدى: «خېڭشۇي ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى مۇستەقىل ۋە ھەمكارلىق ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئەندىزىسى، ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى قاتارلىقلار جەھەتتە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى زور نەپكە ئېرىشتۈردى. بىز ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆگىتىشى، ياردەم بېرىشى، يېتەكلىشى بىلەن، كەسپىي سەۋىيەم تېز ئۆستى.» بۇرچىن ناھىيەلىك شېنخۇ يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نۇرگۈل ئايقېن مۇنداق بىلدۈردى: ئىلغار ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى مەكتەپ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش سەۋىيەمنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈپ، جىلىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خالىس ياردىمى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

فۇكاڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ۋۇ جۈنجياڭ مۇنداق دېدى: «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدە داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سەنشىنىڭ دوختۇرخانىمىزغا بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمى ناھايىتى زور، ئۈنۈمى ناھايىتى روشەن بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئۈچۈن ياخشى سۇپا بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز».

«خېنەن ئۆلكىسىنىڭ قومۇلنىڭ داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش سالمىقى ئىنتايىن زور بولدى. مەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خېنەنلىك مۇتەخەسسىسلەرگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، مېنىڭ ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خالىس ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن ۋە مېنىڭ كوللېكتىپىمدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماي، ھەر مىللەت ئاغرىقلىرىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز» دېدى قومۇل شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى جۇڭگو تېبابىتى سۆڭەك كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دۇڭلياڭ.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك-كۆكرەك تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى قادىرجان مۇسا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دوختۇرخانىمىزدا يۈرەك-كۆكرەك تاشقى كېسەللەر بۆلۈمى يوق ئىدى، 2016-يىلى 6-ئايدا ئاندىن بۇ بۆلۈم رەسمىي قۇرۇلدى. جياڭسۇ ئۆلكىسى بىزگە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ، تولۇقلاپ بېرىپلا قالماي، يەنە مۇتەخەسسىسلەرنى ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، ھازىر، مەن باش ئوپېراتسىيەچى بولۇپ ئاددىي يۈرەك ئوپېراتسىيەسىنى قىلالايدىغان بولدۇم. مەن چوقۇم ھەسسىلەپ تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسپىي ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن».

 («شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرلىرى چېن چېن، گەي يوۋجۈن، خەن چىنيەن، جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، خې لىڭ، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن لى لىڭ، بورتالا ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ياپىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما جىجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاڭ لىچياڭ، مىڭ ۋېي، جاڭ خەييەن يازغان)