باش بەت>شىنجاڭ

بارغانسېرى كۆپ ئاپتوموبىل تۇرپاندا «ئىسسىقنىڭ سىنىقى»نى باشتىن كەچۈردى

يوللانغان ۋاقىت:2019-07-30 16:42:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر مەسئۇل مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن شاۋشيۇڭ، ئا مەن). سىزنىڭ تەسىراتىڭىزدىكى تۇرپاندا نېمىلەر بار؟ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى تاتلىق-خۇش پۇراقلارغا تولغان بۇيلۇقمۇ؟ «غەربكە ساياھەت»تىكى تاڭ سېڭ ئۇستاز ۋە شاگىرتلىرى خەتەر ئىچىدە ھاياتلىق يولى تاپقان يالقۇنتاغمۇ؟ ياكى شەھەرنىڭ غەربىدىكى 360 چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇۋاتقان گۈزەل قىز ئالمىخانمۇ؟

«ئوت يۇرتى» دەپ نام ئالغان تۇرپاندا بۈگۈنكى كۈندە يەنە بىر يېڭى «تەسىرات» كۆپەيدى: بۇ جايدا دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرغاق ئىسسىق تەبىئىي مۇھىت سىناق بازىسى ــ شىنجاڭ تۇرپان تەبىئىي مۇھىت سىناق تەتقىقات مەركىزى بار. بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى كۆپ ئاپتوموبىل كارخانىلىرى تومۇز ئىسسىقتا ھەرقايسى جايلاردىن بۇ يەرگە كېلىپ، تۇرپاننى ئاپتوموبىل ئىسسىق رايونى سىنىقى قىلىشتىكى ئالدىن تاللاش جايى قىلىپ، «ئىسسىق ئىقتىساد»نى بارلىققا كەلتۈردى.

چىڭقى چۈشتە، تېرمومېتىرنىڭ كۆرسەتكۈچ ئىسترېلكىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسنى كۆرسەتكەندە، تۇرپان شەھەر رايونىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جاي، ھېچقانداق دالدا يوق قاقاسلىق بولۇپ تېخىمۇ چىدىغۇسىز ئىسسىق ئىدى، ئەمما قاقاسلىق ئويلىمىغان يەردىن جانلىنىپ كەتتى، تۆت قارا رەڭلىك شەھەر دالا ئاپتوموبىلى قاتار تىزىلىپ، پىژغىرىم ئاپتاپتا ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى، گاھىدا تۈز سىزىق بويىچە قوغلاشسا، گاھىدا ئەگرى يولدا سۈرئەتتە بەسلەشتى، بالوننىڭ يەر يۈزىگە سۈركەلگەن ئاۋازى قۇلاق تۈۋىدىن ئۈزۈلمەيتتى.

«بۇ يەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئاپتاپقا سېلىپ سىناش مەيدانى، بۇ تۆت ئاپتوموبىل ھەرىكەت ھالىتىدە سىنىلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىنتايىن قۇرغاق ئىسسىق مۇھىتتىكى بىخەتەرلىك ئىقتىدارى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.» تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو چۈنيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمى ھەمدە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، يېڭىدىن بازارغا سېلىنىدىغان ئاپتوموبىللار جەزمەن بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئاپتاپقا سېلىپ سىنىلىدۇ، تۇرپان ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىتىغا تايىنىپ، «تەبىئىيلا» ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئالدىن تاللايدىغان جايغا ئايلاندى.

ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان تۇرپان قۇرغاق بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 38 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ، 40 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولغان كۈن سانى 40-35 كۈنگىچە بولىدۇ، ياز پەسلىدە چىڭقى چۈشتە يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 75 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەپ، بىرقەدەر ياخشى بولغان قۇرغاق ئىسسىق مۇھىتتا سىناش شارائىتىنى ھازىرلىغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى ئىنتايىن «ئىسسىق بايلىق»نى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى «ئىسسىق موتور»غا ئايلاندۇردى، تەتقىقات مەركىزىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن يۈرۈشلەشكەن سىناق مەيدانى ۋە تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇپ، كارخانىلارنى شۇ جايدا ئەمەلىي سىناق قىلىش، شۇ جايدا تەكشۈرۈش، شۇ جايدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كارخانىلارنىڭ سىناق تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

«ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە شارائىت ھازىرلانمىغاچقا، نۇرغۇن ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئاپتوموبىل سىنىقى قىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە تۇرپاندىكى قۇرغاق ئىسسىق تەبىئىي مۇھىت سىناق بازىسى دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى» دېدى گو چۈنيۈن.

مۇخبىرلار زىيارەت قىلغاندا دەل جۇڭگو ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاپتاپقا سېلىپ سىناش مەيدانىدا ئاپتوموبىل سىناۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ ئىنژېنېرى تېڭ شۈەينىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ تەتقىقات مەركىزى بىلەن ھەمكارلاشقىنىغا كۆپ يىل بولۇپتۇ، بۇ يىل 13 خىل ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىلنى تۇرپانغا ئەكىلىپ ئاپتاپقا سېلىپ سىناۋېتىپتۇ. «بۇ بىرقانچە يىلدا تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشقۇرۇشى، مۇلازىمىتى بارغانسېرى قېلىپلاشتى، ھەر يىلى يازدا مەن شىركەتنىڭ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنى ئېلىپ كېلىمەن، ئادەتتە 30-25 كۈندىن كېيىن، يەنە يول ئۈستىدە چىڭخەينىڭ گولمۇدقا بېرىپ ئېگىزلىك سىنىقى ئېلىپ بارىمەن».

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ئۇششاق زاپچاسلىرى، خىمىيە سانائىتى ماتېرىياللىرى، سولياۋ بۇيۇملار، كاۋچۇك بۇيۇملار قاتارلىق يەتتە چوڭ تۈردىكى 25 مىڭ خىل زاپچاس ھەم ماتېرىيال تەتقىقات مەركىزىگە ئېلىپ كېلىنىپ «ئىسسىقلىق سىنىقى» قىلىنىدۇ.

گو چۈنيۈن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر تۇرپاندا جەمئىي 190 كارخانا، 2150 ئاپتوموبىل، 4800دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم ئاپتوموبىل سىنىقى تەجرىبىسى ئېلىپ باردى. «بۇ يىل يازدا ئاپتوموبىل سىناشقا قاتناشقان كارخانا، ئاپتوموبىل ۋە خادىملار بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ بېرىش-كېلىشى، تۇرۇشى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە قاتنىشىدىن كېلىپ چىققان ئىستېمال تۇرپاندىن ئىبارەت بۇ كونا ساياھەت شەھىرىنىڭ ‹ئىسسىق ئىقتىساد›ىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى».