باش بەت>شىنجاڭ

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى: ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك زىيادە مۇداپىئە كۆرمەسلىك

يوللانغان ۋاقىت:2020-02-18 12:50:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

جەمئىيەتتىكى ئامما ماسكىنى قانداق توغرا ئىشلىتىشى كېرەك

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى: ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك زىيادە مۇداپىئە كۆرمەسلىك

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي

ماسكا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى بولۇپ، ماسكىنى مۇۋاپىق تاللاش ۋە تاقاش يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ئەمما ھەممە ئادەم ئىلمىي، ئۆلچەملىك تاقاۋاتامدۇ، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك مۇداپىئە كۆرۈلدىمۇ-يوق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ جاڭ لىڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. جاڭ لىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ماسكا ئىشلىتىشنىڭ پىرىنسىپى ــ ماسكىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىش، قارىغۇلارچە ئىشلەتمەسلىك، زىيادە مۇداپىئە كۆرمەسلىك.

مۇخبىر: نېمە ئۈچۈن ئىلمىي، ئېھتىياج بويىچە ماسكا تاقاش كېرەك؟

جاڭ لىڭ: ماسكا تاقاش جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى، زۆرۈر سورۇنلاردا، ھەربىر ئادەم مۇۋاپىق ماسكا تىپىنى تاللاپ تاقاپ، ياخشى مۇداپىئەلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەربىر ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان خىزمەت خاراكتېرى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سورۇنىنى پەرقلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بويىچە، ماسكىنى لايىقىدا، مۇۋاپىق تاقاپ، زىيادە مۇداپىئە كۆرمەي، ماسكا ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش مەسئۇلىيىتى بار. نۆۋەتتە، يۇقىرى، بىرقەدەر يۇقىرى، ئوتتۇراھال، بىرقەدەر تۆۋەن، تۆۋەندىن ئىبارەت بەش خىل ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر بار، ئۇنى ماسكا تاللاش ۋە ئىشلىتىشتە يېتەكچى قىلىشقا بولىدۇ. يۇقىرى، بىرقەدەر يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ئىشلەۋاتقان خادىملار ئاساسلىقى بىرىنچى سەپتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار. باشقا خادىملار ئاساسەن ئوتتۇراھال، بىرقەدەر تۆۋەن ياكى تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ئىشلەۋاتقان خادىملار.

مۇخبىر: ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا جەزمەن N95 ماسكا تاقىغاندىلا بىخەتەر بولامدۇ؟

جاڭ لىڭ: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكىلەر يۇقىرى(بىرقەدەر يۇقىرى) دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ئىشلەۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان مۇداپىئە ماسكىسى ياكى N95 دەرىجىلىك مۇداپىئە ماسكىسى ئىشلىتىشى زۆرۈر. دوختۇرخانىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسى، كېسەلخانىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان تېببىي خادىملارغا ئادەتتە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنى تاقاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئادەتتىكى ئاممىنىڭ N95 ماسكا ئىشلىتىشىنىڭ ھەم زۆرۈرىيىتى يوق، ھەم ئىشلىتىشى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.

مۇخبىر: تېببىي خادىملاردىن باشقا، لېكىن خىزمەت سورۇنى ھىم ئېتىك ياكى ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇندا ئىشلەيدىغانلار ماسكىنى قانداق تاقىشى كېرەك؟

جاڭ لىڭ: ئەگەر دوختۇرخانا، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، مېترو، يەر ئۈستى ئاممىۋى قاتنىشى، ئايروپىلان، پويىز، تاللا بازار، ئاشخانا قاتارلىق نىسپىي ھىم ئېتىك، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملار ياكى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي باشقۇرۇش، ساقچى، ئامانلىق ساقلاش، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئوتتۇرا دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ئىشلەۋاتقان خادىملار بولسا، خىزمەت سورۇنىدا داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنى تاقاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

مۇخبىر: ھەم تېببىي خادىم ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سورۇنلىرىمۇ ئالدىنقى بىرقانچە مەسىلىدە ئېيتىلغان ئەھۋاللاردا بولمىغانلار قانداق ماسكا تاقىشى كېرەك؟

جاڭ لىڭ: ئەگەر تاللا بازار، سودا ساراي، قاتناش قوراللىرى، لىفىت قاتارلىق ئادەم زىچ توپلاشقان رايوندا تۇرۇۋاتقانلار ياكى ئادەتتىكى ئىشخانا، زاۋۇت، سېخ قاتارلىق مۇھىتتا تۇرۇۋاتقانلار ياكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان(قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدىن باشقا) ئاغرىقلار ياكى مەركەزلىك ئۆگىنىش ۋە پائالىيەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار ئادەتتە بىرقەدەر تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدىكى خادىملار بولسا، بىر قېتىملىق داۋالاش ماسكىسى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بالىلار ئىقتىدارى ئوخشاش ماسكىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

مۇخبىر: قانداق سورۇنلاردا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ؟

جاڭ لىڭ: ئۆزى ساغلام بولۇپ، ئۆيدە، ھاۋاسى ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ياكى خادىملار زىچلىقى تۆۋەن بولغان سورۇندىكىلەر ئادەتتە تۆۋەن دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خادىملار بولسا، ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئۆيىدە گۇمانىي ئاغرىقلار بولمىسا، قويۇق ئۇچراشقانلار، يۇقۇم رايونىدىن قايتىپ كەلگەنلەر بولمىسا؛ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا يۇقۇم رايونىدىكى مېھمانلار ياكى گۇمانىي ئاغرىقلار ئولتۇرۇپ باقمىغان بولسا؛ ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرۇش شارائىتى ياخشى بولغان ئۈستى ئوچۇق جايدا ئەمگەك، خىزمەت قىلىۋاتقان بولسا ھەم يېنىدىكىلەر بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغان بولسا؛ باغچە سەيلىسى قىلغاندا ساياھەتچىلەر توپلاشمىغان، ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش شارائىتى بار بولسا؛ ئىشخانىدا دېزىنفېكسىيەلەش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش تەدبىرلىرى قاتتىق قوللىنىلغان بولسا، خىزمەتداشلىرىدىنمۇ گۇمانىي ياكى قويۇق ئۇچراشقۇچىلار بولمىسا، بۇنداق ئەھۋاللاردا ماسكا تاقىمىسىمۇ بولىدۇ.

مۇخبىر: بالىلار قانداق ماسكا تاقىشى كېرەك، قايسى ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟

جاڭ لىڭ: بالىلار دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم بالىلار ياكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دانچە ماددىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى بەلگىسى قويۇلغان مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك. بالىلار ماسكا تاقاشتىن ئىلگىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىدە، ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ ھەم توغرا چۈشىنىپ، توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت بالىلارنىڭ ماسكا تاقاش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشى، ئەگەر بالىلار ماسكا تاقاش جەريانىدا بىئاراملىق ھېس قىلسا، ۋاقتىدا تەڭشىشى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك. بالىلارنىڭ يۈزى بىرقەدەر كىچىك بولغاچقا، چوڭلارنىڭ ماسكىسىنىڭ گىرۋىكى تولۇق ھىم كەلمەيدۇ، بالىلارنىڭ ھىملىق تەلىپىگە ئىگە چوڭلار ماسكىسىنى تاقىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز.

مۇخبىر: ماسكا تاقاشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

جاڭ لىڭ: مۇۋاپىق ئۆلچەمدىكى ماسكىنى تاللاش كېرەك. ماسكا تاقاشتىن ئىلگىرى قولنى يۇيۇش كېرەك. ماسكا تاقىغاندا، ماسكىنى يۈزىگە چاپلاشتۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوڭ-سول قول بارمىقى بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئاليومىن ياپراقچىسىنى بېسىپ، تۆت ئەتراپتىكى ھاۋانىڭ چىقىپ كېتىشىنى ئازايتىشى كېرەك. داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللەر ماسكىسىنىڭ بۇرۇن قىسقۇچى ئۈستى تەرەپتە بولۇپ، ئىشلەتكەندە چىڭ بېسىش كېرەك. ماسكا تاقىغاندىن كېيىن، ماسكىنى تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەگەر ماسكىنى تۇتۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، ماسكىنى تۇتۇشتىن ئىلگىرى-كېيىن قولنى يۇيۇش كېرەك. ماسكىنى ئالغاندا، ئىمكانقەدەر ماسكىنىڭ يۈزىنى تۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك ھەم دەرھال قولنى يۇيۇش كېرەك.

مۇخبىر: ئىككى قەۋەت ماسكا تاقىسا تېخىمۇ بىخەتەر بولامدۇ؟

جاڭ لىڭ: ئىككى قەۋەت ماسكا تاقىسا بىخەتەرلىكنى ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

مۇخبىر: ماسكىنى تەكرار ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟

جاڭ لىڭ: يۇقىرى ياكى بىرقەدەر يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاشكارىلانغان خەۋپ-خەتەر ئىچىدىكى خادىملاردىن باشقا، ساغلام كىشىلەر تاقىغان ماسكىنى تەكرار، كۆپ قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ، ماسكا ئىشلىتىش ۋاقتى، ئىشلىتىش قېتىم سانىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر يەنە ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن ماسكىنى پاكىز، قۇرغاق بولغان ھاۋا ئۆتىشىدىغان جايغا ئېسىپ قويسا ياكى ئۇنى پاكىز، ھاۋا ئۆتىشىدىغان قەغەز خالتىغا سېلىپ قويسا بولىدۇ. ماسكىنى يالغۇز ساقلاش، بىر-بىرىگە تېگىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك ھەم ماسكىنى ئىشلەتكۈچى ئادەمنىڭ بەلگىسىنى سېلىش كېرەك.

مۇخبىر: ماسكىنى قانداق ئەھۋالدا ئالماشتۇرۇش كېرەك؟

جاڭ لىڭ: ئادەتتە ماسكىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىپ، ھۆل بولۇپ كېتىپ ياكى مەينەت بولۇپ كېتىپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەندە ئالماشتۇرۇش كېرەك.

مۇخبىر: ماسكىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قانداق تاشلاپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

جاڭ لىڭ: ئەگەر ساغلام كىشىلەر توپىغا تەۋە بولسا، تاقاپ بولۇنغان ماسكىنى تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش تەلىپى بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر سىز گۇمانىي كېسەللىك مىسالى ياكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ بولغان بولسىڭىز، تاقاپ بولغان ماسكىنى خالىغانچە تاشلىۋەتسىڭىز بولمايدۇ، ئۇنى داۋالاش تاشلاندۇقلىرى دەپ قاراپ، داۋالاش تاشلاندۇقىنىڭ ئالاقىدار تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىڭىز كېرەك.