باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز 115 نۇقتىلىق سانائەت تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-13 11:40:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

بۇ يىل 130 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈننىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بېكىتكەن 115 نۇقتىلىق سانائەت قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە 11 تۈرلۈك نۇقتىلىق باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ.

بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، «13-بەش يىل»دىكى كەسىپلەر يىرىك پىلانى ۋە دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتى يېتەكچى يۆنىلىشىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، 2020-يىللىق نۇقتىلىق سانائەت قۇرۇلۇشى تۈر ئامبىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، 115 نۇقتىلىق سانائەت قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە 11 نۇقتىلىق باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىنى رەتلەپ چىقتى.

ئىگىلىنىشىچە، 115 نۇقتىلىق سانائەت قۇرۇلۇشى تۈرى نېفىت-خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر-خىمىيە سانائىتى، رەڭلىك مېتال، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، بىيولوگىيە ھەم تېببىي دورا قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق سانائەت ساھەلىرىنى قاپلىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە تارقالغان، بۇ يىل 130 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان. ھازىر داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ۋە نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش زۆرۈر بولغان تۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا ئىش باشلاش شارائىتى ھازىرلىنىپ، تېز ئالغا سىلجىتىلىۋېتىپتۇ. ئىش باشلاش شارائىتى ھازىرلانمىغان قىسمەن تۈرلەردە ئالدىنقى باسقۇچلۇق رەسمىيەتلەر جىددىي بېجىرىلىۋېتىپتۇ. 11 نۇقتىلىق باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرى «يەتتىنى راۋانلاشتۇرۇش، بىرنى تۈزلەش» تۈرىدىكى سەككىز تۈرنى، مۇھىت ئاسراش ئۇل ئەسلىھە تۈرىدىكى بىر تۈرنى، ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيى تۈرىدىكى ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ يىل 6 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلىنىپتۇ.

تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار كارخانا خادىملىرىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا شىنجاڭغا قايتىشىنى، ئىش ئورنىغا قايتىشىنى پائال ماسلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، رايونلارنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىنى ئايلىق تەڭشەش، ھۆددىگە ئېلىپ بىرلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، داۋاملاشما تۈرلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاش، يېڭى تۈرلەردە قەرەلىدە ئىش باشلاش، زاپاس تۈرلەرنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى.

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، خەلق بانكىسى قاتارلىق تارماقلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق سانائەت تۈرلىرى تىزىملىكىنى ئەۋەتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىللىق دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىش سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق رايونلار (نۇقتىلىق باغچە رايونلىرى)نىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق رايونلار (نۇقتىلىق باغچە رايونلىرى)نىڭ مۇھىم، زور تۈرلەرنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە باغچە رايونلىرىنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.