باش بەت>شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2020-03-27 12:20:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردە 2020-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىدە 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇلۇپ ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھەرقايسى مەكتەپلەر كونكرېت ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى شۇ مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرى، ئوقۇتۇش تەييارلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن ئۇقتۇرىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر مەكتەپتە بىر لايىھە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاش، دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىچكىرى رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەھۋالغا قاراپ ئوقۇش باشلاش، تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە بولىدۇ.