باش بەت>شىنجاڭ

1- پەسىلدە شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.39 كۆپەيدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-19 22:24:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، چاڭئەن ناملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن چىقىپ، 489 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، قۇياش ئېنېرگىيەسى زاپچاسلىرى قاتارلىق ماللارنى بېسىپ مەنزىلگاھى پولشاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1-پەسىلدە شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 1482 قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.39 كۆپەيگەن.

1-پەسىلدە، 1 مىليون 24 مىڭ 200 توننا مال جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىغا بېسىلىپ شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىقىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.09 ئاشتى. شىنجاڭدىكى پورتلار ئىچىدە ئالاتاۋ يەنىلا چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئەڭ كۆپ پورت، 1-پەسىلدە چېگرادىن كىرىپ-چىققان نۆۋەتچى پويىز 791 قېتىم بولۇپ، مال توشۇش مىقدارى 538 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، مال قىممىتى تەخمىنەن 3 مىليارد 654 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.19، %50.06 ۋە %1.92 ئاشتى؛ قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 691 قېتىم بولدى.

1-پەسىلدە يۇقۇمنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى زور دەرىجىدە ئازلاش، تەدرىجىي قايتا كۆپىيىش، ئومۇميۈزلۈك كۆپىيىشتەك ئۈچ جەرياننى باشتىن كەچۈردى. 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن چېگرادىن كىرىپ-چىققان نۆۋەتچى پويىز 3.8 قېتىمغا، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توققۇزدىن ئون قېتىمغىچە بولۇشقا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئازلىدى. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك قايتا كۆپىيىپ، 3-ئايدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10.9 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى نورمال سەۋىيە ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى 12 تۈرلۈك ئالاقىدار تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئالاقىدار تەدبىرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پائال نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

ئالاتاۋدىكى بىر كارخانىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى يۈ سۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس كۆزنەك تەسىس قىلىپ، 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتۈشنى يولغا قويۇپ، ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېگرادىن كىرگەن نۆۋەتچى پويىزلاردىن يۈك تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرغانلار بىرلەشتۈرۈشنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، ھازىر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە بىر نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلارنىڭ ۋاقتى تېجەپ قېلىندى ۋە خىراجەت تەننەرخى تۆۋەنلىتىلدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چېگرادىن چىقىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىدىن ئاساسلىقى چاڭئەن ناملىق پويىز، چېڭدۇ-شىنجاڭ-ياۋروپا، چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا، جېڭجوۋ-شىنجاڭ-ياۋروپا، ۋۇخەن-شىنجاڭ-ياۋروپا قاتارلىق ئون نەچچە لىنىيە بار.