باش بەت>شىنجاڭ

1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توردا پارچە سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.01 ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-22 10:46:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا توردا پارچە سېتىش سوممىسى 9 مىليارد 119 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.01 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچى تور سىرتىدا تاۋار سېتىۋېلىشنى توردا سېتىۋېلىشقا يۆتكىدى، بۇ، 1-پەسىلدىكى توردا پارچە سېتىش سوممىسىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تور بىلەن تور سىرتىنى يۇغۇرۇش، تاۋار ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەۋەلىكىدىكى سودا كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى كارخانىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسى بىلەن ئۇدۇللىشىشقا پائال يېتەكلەپ، تور بىلەن تور سىرتىنى يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى تەسىس قىلىش شەكلى ئارقىلىق، تور بىلەن تور سىرتىدىكى تور ئىستېمالىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەت بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆز جايىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ توردىكى جەمئىيەتلەشكەن مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تور سىرتىدىكى جەمئىيەتلەشكەن ئىستېمال مۇلازىمىتىنى توردا ئېلىپ بارىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئۆز جايىدىكى ئىستېمالنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى پائال ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، كۆكتات توپ سېتىش بازىرى، سودا ساراي، كەچلىك بازار قاتارلىق تور سىرتىدىكى ئەمەلىي گەۋدە بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ؛ ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى كارخانىسى، بازىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.