باش بەت>شىنجاڭ

1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز 6 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغى ئاجراتتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-23 11:56:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

 «شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغىدىن جەمئىي 6 مىليارد 511 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 5 مىليون 559 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزگەن.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن-سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئالاقىدار جىددىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئۇقتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس سۇنۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، تۆۋەن كاپالەتلىك، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولۇپ قۇتقۇزۇلىدىغان-ياردەم بېرىلىدىغان، بېقىلىدىغان، مېيىپ قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار توپىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ۋاقتىدا ياردەم بەردى. بۇنىڭدىن سىرت، مەكتەپتە قالغان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلىشىپ، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى؛ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھەم قەرز قايتۇرۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان، دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرز پۇلى ئالغان ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، تەسىرگە ئۇچراپ، قەرز پۇل دىرىنى، ئۆسۈمىنى نورمال قايتۇرالمىغانلىرىغا قارىتا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ بەردى.

مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە تولۇق ياردەم بېرىش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالدۇرمايدۇ.