باش بەت>شىنجاڭ

بۇ يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-23 22:48:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

ئاپتونوم رايون «خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ

بۇ يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا «2020-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلغان.

«خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1+3+3+ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىچكى-تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئىنچىكىلىشىشى، پۇختىلىنىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرىدىكى، يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى، كۆزگە چىلىقارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» «بىر پورت»، «ئىككى رايون»، «بەش چوڭ مەركەز»، «پورت ئىقتىساد بەلبېغى»، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىكى 17 تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يانداش ئەسلىھەلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈپىتى-ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ كەسىپلەرنىڭ توپلانما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. ئىككىنچى، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يادرولۇق رايوننىڭ جەنۇب-شىمال ئىككى مۇھىم تايىنىش نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. ئۈچىنچى، «بەش چوڭ مەركەز» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قاتناش تۈگۈنى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت، پەن-مائارىپ مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش. تۆتىنچى، پورت ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پورت ئىقتىساد بەلبېغى سىياسىتى، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «پورت ئىقتىسادى»نىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش. بەشىنچى، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قاتتىق تۇتۇش.