باش بەت>شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ 1-پەسىللىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش نەتىجە قەغىزى چىقتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-24 10:32:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى


GDP ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلىدى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-پەسىللىك شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 1-پەسىلدە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 305 مىليارد 551 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 تۆۋەنلىدى، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 6.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزداGDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىشى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ياخشى بولۇپ، مۇقىم باشلىنىش ئىشقا ئاشتى. بۇ ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئۆرلىشى، ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىرقەدەر ياخشى بولۇشى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئىسكىلاتتا ساقلاش كەسپىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىرقەدەر تېز بولۇشى، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى، ئاھالە ئىستېمال باھاسى(CPI) نىڭ ئۆسۈش دەرىجىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نامايان بولدى.

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 11 مىليارد 18 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.3 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 109 مىليارد 923 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 ئاشقان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 9.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 184 مىليارد 610 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.4 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 4.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايون يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېنىق تەدبىر ئارقىلىق ئېنىقسىز ئۆزگىرىشكە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدۇ.