باش بەت>شىنجاڭ

شىنجاڭ تىرىشىپ بەش يىلدا زامانىۋىلاشقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-24 10:39:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرېھىم مەسئۇل مۇھەررىر:بۇمەريەم تۇردى

 «شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىننىڭ شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش تۈگۈنىلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىندا «جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھەسى (2020-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە)»نى رەسمىي ئېلان قىلغان.

«لايىھە»دە بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، زامانىۋىلاشقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ۋە قاتناش تۈگۈنى مەركىزى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسلىق تىرىكىگە ئايلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تېخنىكىسى ئىلغار، ئىدىيەسى ئىلغار، باشقۇرۇشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۈرۈشۈشى ماسلاشقان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ئۈرۈمچى تۈگۈن مەركىزى قىلىنغان، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ مال يىغىش، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، ئايرىش، ھېسابات قىلىشىغا مەدەت بېرىلىدىغان، ئالاتاۋ، قورغاس تايانچ نۇقتا قىلىنغان، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتۈشى، قولايلىق ئالماشتۇرۇشى-قاچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدىغان ماس تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

«لايىھە»دە سەككىز جەھەتتىكى 26 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يىغىلىش مەركىزىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىنىڭ مۇلازىمەت ئەسلىھەسى بولغان تۆمۈريول پورتى سودا ئىشلىرى، سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ ئىككىنچى، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن تورى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچى، نۆۋەتچى پويىزلارنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تەشكىللەش، يولغا سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى خەلقئارا تېز يوللانما مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ تۆتىنچى، نۆۋەتچى پويىز كەسپىي مۇلازىمەت سۇپىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەيدان-بېكەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش؛ بەشىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈرۈمچى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى پائال ئىلتىماس قىلىپ قۇرۇش؛ ئالتىنچى، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ يەتتىنچى، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا باغچە رايونى ۋە چېگرا سىرتىدا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قۇرۇشىنى قوللاش؛ سەككىزىنچى، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار.