باش بەت>شىنجاڭ

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمى تېزلىتىلدى سانائەت ئىقتىسادى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-27 12:29:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرى − جۇڭگو ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ۋۇسەيۋەن توك تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىمالىي 2-ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ 2 × 660 مىڭ كىلوۋاتلىق ئۇلترا كىرىتىك ئوت كۈچى بىلەن توك چىقىرىش 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى. «ھازىر بىز جىددىي قۇرۇلۇش قىلىپ، بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ 6-ئايدا پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز». شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، باش ئىنژېنېرى شياۋ شيۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 6 مىليارد 600 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، يىلىغا 80 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پايدا-باج تاپشۇرىدۇ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى شەرقىي جۇڭگو رايونىغا يەتكۈزۈلۈپ، 2 مىليون 400 مىڭ ئائىلىنىڭ پۈتۈن يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۈرلۈك چارە-تەدبىر ئارقىلىق ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ بىلەن قىيىن نۇقتىنى ھەل قىلىپ، توسۇق نۇقتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈزۈك نۇقتىنى تولۇقلاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشتەك سانائەت نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى. 1-پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 10.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇردى.

«ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرىنى پائال يېڭىپ، كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كارخانا خادىملىرىنىڭ شىنجاڭغا قايتىشى، ئىش ئورنىغا قايتىشىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھە تايانچ كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشىنى قاتتىق تۇتۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشتى.» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ئىسرائىل ئىسمائىل.

ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرى، تايانچ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «بىرگە بىر» ئالاقىلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قاتارلىق 30 مەسىلىنى نەق مەيداندا ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بەردى؛ كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى ئالدىن ئېلان قىلىپ، 8806 ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىپ بەردى؛ «كارخانا مىكرو دەرسى» توردا تەربىيەلەش سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 1000غا يېقىن كارخانىغا قارىتا توردا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى ھەم شىنجاڭغا كىرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش مەسىلىسىدىن 320دىن ئارتۇقنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى.

1-پەسىلدە، سانائەتتىكى 41 ساھە چوڭ تۈرىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىنلەش كەسپى، كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇش-تاللاش كەسپى، مېتاللوئىد مىنېرال بۇيۇملار كەسپى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كەسپى قاتارلىق ئون ساھەدە ئېشىش ئىشقا ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، كان ئېچىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشتى.

ئېغىر سانائەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى ئاشتى. ئېغىر سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-، 2-ئايدىكىدىن 1.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

نېفىت سانائىتىدىن باشقىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى نېفىت سانائىتىنىڭكىدىن ياخشى بولدى. نېفىت سانائىتىدىن باشقىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، نېفىت سانائىتىنىڭكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

نېفىت سانائىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېچىش كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6.7 ئاشتى.