باش بەت>شىنجاڭ

شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-27 12:43:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ شىنجاڭ بانكا، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭ بانكىچىلىق كەسپى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى چېگرا ھالقىغان تۈردىن 320نى قوللىغان، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قالدۇقى 76 مىليارد 132 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىدا جەمئىي 221 ئورۇن قېتىم شىنجاڭ كارخانىسى(بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك، ئۇششاق كارخانا 208)نى 1 مىليارد 135 مىليون يۈەن تاشقى سودا سۇغۇرتا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى ئىمپورت-ئېكسپورت ئىناۋەتلىك قەرز بېرىش، سودا مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش، كېپىللىك خېتى، خەلقئارا راسچوت قاتارلىق كەسىپ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بازارلىرىنى پائال ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى فېڭ جىڭيۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى چەت ئەلگە چېتىشلىق كېپىللىك خېتى كەسپىدە ئۇدا كۆپ يىل بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەسكەن كېپىللىك خېتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، كەسىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى ئوندىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننى قاپلاپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ تۈرلەرنى ھۆددىگە ئېلىشىنى ئىناۋەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

قەشقەر ۋە قورغاس شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، شىنجاڭ بانكا، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىككى جاينىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ھازىر ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا جەمئىي بانكا سۇغۇرتا ئاپپاراتىدىن 17سى بار. 1-پەسىلدە، بانكىچىلىق كەسپى قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ھەم ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندا 25 تۈر قۇرۇشنى قوللىدى، قەرز پۇل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.1 ئاشتى.

شىنجاڭ بانكا، سۇغۇرتا ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېييەن مۇنداق دېدى: 1-پەسىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، بانكىچىلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ مەركەز» «ئۈچ بازا، ئۈچ يول» قۇرۇلۇشىدىكى 1529 تۈرنى قوللاپ، ئىچكى-تاشقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قالدۇقى 398 مىليارد 415 مىليون يۈەن بولدى؛ سۇغۇرتا كەسپى يادرولۇق رايوننى جەمئىي 97 مىليارد 676 مىليون يۈەن خەۋپ-خەتەر كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.