باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېقىن ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-30 12:36:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى


«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى رېن خۇا خەۋەر قىلىدۇ: «يۇقۇم مەزگىلىدە، بىز توڭلىتىلغان گۆش تۈرى، قۇش تۈرى، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىقلارنىڭ بازار تەمىناتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق، ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسى قاتارلىق ھەقلىرىدىن 22 مىليون يۈەننى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، پۈتكۈل بازارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتتۇق» دېدى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىنىڭ باش دىرېكتورى يەن لىنلۇڭ مۇخبىرغا. شۇ كۈنى، خەيخۇڭ خەلقئارا يېمەكلىك ئەشيا ئوبوروتى پورتىغا كىشىلەر، ئاپتوموبىللار تەرتىپلىك كىرىپ چىقىۋاتاتتى، سودىگەرلەر مال سېتىش، مال رەتلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

بۇ يىل 3-ئايدا، ئاپتونوم رايون «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، مۇقىم تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇش، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، تىجارەتنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مالىيە جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە 24 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئۆي ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئالاقىدار مۇلازىمەت ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ 1 مىليارد 276 مىليون يۈەن تۈرلۈك ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللەتتى، ھەل قىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى 420 مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىلنىڭ 49 مىليون 50 مىڭ يۈەن ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، كىرا ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇش ھەققى(ھۆددىگە ئېلىش ھەققى) قاتارلىق ئالاقىدار ھەقتىن 192 مىليون يۈەننى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ھەم كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئاپپاراتلىرى جەمئىي 23 مىڭ يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ 14 مىليون 650 مىڭ يۈەن تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلدى؛ شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 152 مىڭ 200 يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ 9 مىليون 730 مىڭ يۈەن تور ئىشلىتىش ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى؛ ھەرقايسى ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى 32 مىڭ 500 يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ 19 مىليون 510 مىڭ يۈەن ئەزالىق بەدەل پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى پۇقراۋى كارخانىلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىپ، كەچۈرۈم قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا كۈچ قوشتى. شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت-سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بەش بازاردىكى 28 مىڭ تىجارەتچىنىڭ 190 مىليون يۈەن ئىجارە پۇلىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى؛ شىنجاڭ يىپەك يولى گۆھەر زېمىن سودا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى رۇيدا يىپەك يولى گۆھەر زېمىن مال سېتىۋېلىش مەركىزى 200دىن ئارتۇق تىجارەتچىنىڭ 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىجارە پۇلىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى...

بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون يەنە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىش ھەققى، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش ھەققى قاتارلىقلارنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى.

تۈرلۈك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ، يېنىك جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى. 3-ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىي بار بولغان، تىجارەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يەككە سودا-سانائەتچى 1 مىليون 481 مىڭ بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14 ئاشتى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىنىش سالمىقى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش كۈچلۈكلۈكى، مۇلازىمەت قىلىش دەللىكىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، سىياسەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، سودىنى، بازارنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بازار تەكشۈرۈش مەخسۇس خادىمى ۋاڭ جۈنكاڭ.