باش بەت>شىنجاڭ

بۇ يىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 9 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ

يوللانغان ۋاقىت:2020-04-30 18:27:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پاتىمە مىجىت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ھەرىكەت پىلانى» بېسىپ تارقىتىلدى

بۇ يىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 9 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق توققۇز تارماق ۋە ئورۇن بىرلىكتە «2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ھەرىكەت پىلانى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىل پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 9 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«پىلان»دا ئومۇمىي پىكىر يولى ۋە نىشان-ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئات كۆپەيتىش-يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، تاۋار ئات بازىسى قۇرۇلۇشى، ئات مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، چەۋەندازلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ تايانچ سىستېما قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئات كۆپەيتىش-يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئات نەسلىنى ئىرسىيەتلىك ياخشىلاش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يادرولۇق نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈش فېرمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يادرولۇق نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈش فېرمىسى ئۈچۈن نەسىل تاللاش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئات يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئات نەسلى بايلىقىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئات تۈرلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئات تۈرلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاتنى كۆندۈرۈش، مەشىقلەندۈرۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي كۆندۈرۈش، مەشىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، بازار ئېھتىياجلىق بولغان تۈرلۈك مەخسۇس ئات تۈرلىرىنى سىستېمىلىق كۆندۈرۈش، مەشىقلەندۈرۈشنى تەشكىللەش كېرەك.

تاۋار ئات بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، تاۋار ئات بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە-چوڭقۇر پىششىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ئات مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاس سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، ئاتچىلىق كەسپىگە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل سېتىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئات مەھسۇلاتلىرىنى ئاپتونوم رايون سىرتى ۋە دۆلەت سىرتىدا سېتىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك.

ئات مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئات مەدەنىيىتى كىنو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئات مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئات مىنىپ سەيلە-ساياھەت قىلىش سەرخىل لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە يۈزلەنگەن ئات مىنىپ سەيلە-ساياھەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش، مەنزىرە رايونىدا ئات مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش، ئات مىنىپ ھۇزۇرلىنىش، ئات مىنىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىش قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئېچىش كېرەك.

چەۋەندازلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش جەھەتتە، شىنجاڭ چەۋەندازلىق سەييارە مۇسابىقىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى سۈپەتلىك ماركىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە سۈپەتلىك ماركىلىق مۇسابىقە يارىتىپ، شىنجاڭ ئات بەيگىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مۇسابىقە جەھەتتىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ چەۋەندازلىق مۇسابىقىسىنىڭ خەلقئارالىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

«پىلان»دا يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاتچىلىق كەسپى تەرەققىيات تايانچ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ ئۆلچەم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەش تۈردىن يۇقىرى ئاتچىلىق كەسىپ ئۆلچىمىنى بېكىتىش خىزمىتىنى باشلاپ، ئاتچىلىقتا پەن-تېخنىكىنى تايانچ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاتچىلىق كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئات يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاتچىلىق كەسپى سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ قوللىنىلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاتچىلىق كەسپى بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىدىكى مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ جەھەتتىمۇ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ھازىر بار بولغان مالىيە مەبلىغى سىياسىتى ئارقىلىق ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسىنى پائال قوزغىتىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.