باش بەت>شىنجاڭ

ئەمەلىي تەدبىرلەر ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى ساياھەتچىلەر ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-06 16:32:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى، ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى، مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى ــ

ئەمەلىي تەدبىرلەر ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى ساياھەتچىلەر ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ گاڭ، رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: «بۇرچىن ناھىيەسىدە سەيلە-ساياھەت قىلىپ، ياتاقتا ياتقاندا ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلەتسە ناھايىتى ئەرزان توختايدىكەن.» 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لى خۇا بۇرچىن ناھىيەسىگە ساياھەتكە كېلىپ، مېھمانخانىنىڭ ياتاق ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇرچىن ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتى تارقاتقاندىن سىرت، يەنە مېھمانسارايدا ياتاقتا يېتىش ئالاھىدە باھالىق ياتىقى، بىر باھادا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى، ياردەم تولۇقلىمىسى ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليون يۈەنگە يەتتى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، «شىنجاڭنى سۆيۈش . يۇرتنى ساياھەت قىلىش» شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، ساياھەتتە ئېتىبار بېرىشنى يولغا قويۇش، ساياھەتتە مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئېلان قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى دەم ئېلىشتىن خۇشال-خۇرام بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھەت ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى.

«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر مۇقىم ئاشتى. بۇ مەنزىرە رايونى توردا ئارىلىق ئاپتوموبىلى، بېلىق تاماشا قىلىش سۇپىسى، ساياھەت كېمىسى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ساياھەت ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بېلىتىنى تارقاتتى. ئالتاي ۋىلايىتى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئالتايغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە جەمئىي 10 مىليون يۈەن ماي قاچىلاش بېلىتى، 2500 پارچە مەنزىرە رايونى ھەقسىز ياتاق بېلىتى تارقىتىپ، باشقا جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى ئالتايغا ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلغان ئاپتوموبىل ئەترەتلىرىگە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ مۇكاپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى سوۋغا قىلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ A5 مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلىش، 99 يۈەن بىلەن يۇرتنى ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى، مۆلچەرلىنىشىچە ياردەم تولۇقلىما سوممىسى 200 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، ساياھەتچىلەر تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن 500 يۈەن قىممىتىدىكى «بوغدا كۆلى يىللىق كارتىسى»نى سېتىۋالسا ھەم قوزغاتسا، 200 يۈەن ئىستېمال ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ مەنزىرە رايونى يەنە داۋالاش خىزمەتچىلىرى، فۇكاڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىككى قارارغا بۆلۈپ پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلىنىپ 220 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بېلەتكە ئاساسەن بەلگىلەنگەن تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونى قاتارلىق 13 مەنزىرە رايونى، 39 يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانساراي، 36 ئۈچ يۇلتۇزدىن يۇقىرى دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشىك بېلىتى، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىستېمال ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، پائالىيەت ئارقىلىق ئاۋاتلىشىشقا تۈرتكە بولدى.

يېقىنقى مەزگىلدە، سانجى ئوبلاستى ئالتە چوڭ تۈردىكى 32 تۈرلۈك مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويدى، بۇ، «گۈل ھىدى تىڭجوۋغا تارقىلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، «لەگلەك ئۇسۇلى كۆك ئاسمان ئارزۇسى» لەگلەك بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتى، «شىنجاڭنى سۆيۈش. يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشاننى ساياھەت قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى قاتارلىقلار؛ تۇرپان شەھىرى ئۈجمە ئۈزۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ يولغا قويغان يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى يولغا قويغان جىلغا، سۇلۇق يەرنى ساياھەت قىلىش، دالىدا قونۇش-پىيادە مېڭىش، بۆلجۈرگەن ئۈزۈش، كۈتۈنۈش ئارشىڭى قاتارلىق تۈرلەر؛ خوتەن ۋىلايىتى يولغا قويغان كۆپ خىل «خوتەنلىكلەر خوتەننى ساياھەت قىلىش» ساياھەت لىنىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەت كارخانىلىرىمۇ شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى ئېتىبارلىق پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى. شىنجاڭ قار لەيلىسى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت بازارلىرىغا قارىتا، يېقىن شەھەر ئەتراپىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ساياھەتنى ئاچتى. «‹1-ماي› دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز جامبۇلاق مەنزىرە رايونى بىر كۈنلۈك ساياھىتىنى يولغا قويدۇق، ھازىرغىچە 600دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق» دېدى بۇ ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ئەيشيا.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر خوۋ خەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە بەل قويۇۋەتمەسلىك، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا بوشاشماسلىق، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەۋپ ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەپ، خىرىسنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پايدىسىز ئامىلنى پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدۇ، ھەم ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش چىرايلىق جېڭىنى ھەقىقىي ياخشى قىلىدۇ.