باش بەت>شىنجاڭ

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچى ساياھىتى قايتىدىن ئاۋاتلاشتى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-07 11:44:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ياۋ گاڭ

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭ ئىچى ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھەت بازىرىنىڭ ئاۋاتلىشىشى، ساياھەتنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى، مۇلازىمەت-باشقۇرۇشنىڭ جايىدا بولۇشى، ساياھەتنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 4 مىليون 402 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.31 ئاشتى؛ ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 778 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئەسلىگە كېلىش نىسبىتى %74.56 بولدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتتىق بولدى، ساياھەت تەرتىپلىك بولدى

ئاپتوموبىللار دېزىنفېكسىيە قىلىندى، ساياھەتچىلەر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلدى، ساغلاملىق كودى تەكشۈرۈلدى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچەندى، بىرمۇبىر تىزىملاندى، ئارىلىق قالدۇرۇپ ئۆچرەت تۇرغۇزۇلدى، سەييارە يېتەكلەندى، يەنە كېلىپ ساياھەتچىلەر ئالدىن كېلىشىپ راست نام تۈزۈمى بىلەن بېلەت سېتىۋالدى، ساياھەتچى ئېقىمى ئىلمىي تىزگىنلەندى... «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، زور تۈركۈمدىكى ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونىغا كەلدى، تەرتىپ رەتلىك بولدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرماي قاتتىق تۇتۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ساياھەت بازىرىنى قوزغىتىشنى تېزلىتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغان پىرىنسىپ بولدى.

ئالتاي ۋىلايىتى مەنزىرە رايونلىرىدا «چەك قويۇپ ئېچىۋېتىش، ئالدىن كېلىشىپ ئېچىۋېتىش، تەرتىپلىك ئېچىۋېتىش، ئارىلىق قالدۇرۇپ كىرىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىش» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىش مىقدارىنى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش مىقدارىنىڭ %30ىدىن ئاشۇرۇۋەتمىدى؛ نۇقتىلىق رايونلار ۋە مۇھىم تۈگۈنلەرنى باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئالدىن كېلىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەتچى ئېقىمىنى مۇۋاپىق تىزگىنلىدى.

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ھەم پۈتۈن ئوبلاستىكى 29 مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزى، بېلەت سېتىش ئورنىدا ئاۋازلىق ئەسكەرتمە مۇلازىمىتى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ساياھەتچى ئېقىمىغا چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى ئارىلىق قالدۇرۇپ كىرىشكە، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا يېتەكلىدى.

خوتەن ۋىلايىتى بارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى، دېھقانلار ئارامگاھى، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە تولۇق تەربىيەلىدى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى، دېھقانلار ئارامگاھى، مېھمانخانا، مېھمانساراي قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردىكى ھاجەتخانا، ئاشخانا، ئايرىمخانا، ئېكسكۇرسىيە ئاپتوموبىلى، سەيلە كېمىسى قاتارلىقلارنى ھەر كۈنى دېزىنفېكسىيەلەش ۋە تىزىملاشنى ياخشى قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ ساياھەتچىلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىدىن ساقلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى دەم ئېلىش مەزگىلىدە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرىدا تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ساياھەتچىلىكنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى.

شەكلى كۆپ خىل بولدى، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتى ياخشى بولدى

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر «ھەرىكەتكە كەلدى» «جانلىنىپ كەتتى»: بورتالا شەھىرىدىكى كەيپىڭ كۆلىدە يارقىن چىراغ نۇرلىرى كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر قەدەملىرىنى توختىتىپ بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشتى؛ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئېگىز تاغ كۆلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ، كارتىڭ ئاپتوموبىلىنى دالىدا ھەيدەش، ھەسەن-ھۈسەن سىيرىلما يولى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتى؛ جىڭ ناھىيەسى تودوگ بازىرى مۇتتار قۇملۇقىدا بىپايان قۇم دېڭىزى، مىڭ يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا-كەنت ساياھىتى، ئائىلىۋى ساياھەت، چېچەك سەيلىسى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساياھەتچىلەر شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىغا بېرىپ چەۋەندازلىق ئويۇنى كۆرۈش، شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونىدا چەۋەندازلىق ئويۇنى ۋە چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كۆرۈش، قار-مۇز بازىرى دالا كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشىغا قاتنىشىش قاتارلىقلارنى تاللاپ ساياھەت قىلدى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا «باھاردا سانجىغا كېلىپ كۆكلەم سەيلىسى قىلىڭ» «گۈلنىڭ خۇش پۇراق ھىدى تىڭجوۋنى قاپلىدى» «لەگلەك ئۇسسۇلى كۆك ئاسمان ئارزۇسى» لەگلەك بايرىمى، «شىنجاڭنى سۆيۈش. يۇرتنى ساياھەت قىلىش» بويىچە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشاننى ساياھەت قىلىش، مەدەنىيەت كۆرىكىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئالتاي ۋىلايىتىدە ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر خاسلىقى روشەن پائالىيەتلەرنى يولغا قويدى، ئەڭ ياقتۇرۇشقا ئېرىشكىنى «99 يۈەن بىلەن يۇرتنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتى بولدى، «قاناس قۇم ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى» «كۆكتوقاي ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى» «جېمىنەي ئوتلاق تاش شەھىرى بىر كۈنلۈك ساياھىتى» «بۇرچىن بىر كۈنلۈك ساياھىتى» «قابا ئاق قېيىن ئورمانلىقى بىر كۈنلۈك ساياھىتى» قاتارلىق لىنىيەلەر ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى تاللىشىغا ئايلاندى...

تەدبىر ئەمەلىي بولدى، ساياھەتچىلىك پۇختا ئەسلىگە كەلدى

«1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە قاناس مەنزىرە رايونى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاشتى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، چېتىشلىق مەبلەغ 200 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان ئون چوڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇپ، زور تۈركۈم ساياھەتچى جەلپ قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ «تىرىشىپ 200 مىليون يۈەن سىياسەت مەبلىغى تولۇقلىما ياردىمى ئارقىلىق 30 مىليارد يۈەن ساياھەت ئىستېمالىنى قوزغىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش قىلىندى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ ئىچى ساياھەت بازىرىغا تۈرتكە بولماقتا. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئىككى قارارغا بۆلۈپ 220 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى؛ 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ 3-قارارلىق ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقىتىلىپ، يېرىم سائەت ئىچىدىلا تۈگەپ بولدى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەتچىلىكى پۇختا ئەسلىگە كەلمەكتە. بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتى تېز ئەسلىگە كەلدى، كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسى مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەززىلىك يېمەك-ئىچمەك تەسىرات كوچىسى، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى گۈل دېڭىزى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بورقاي يېزىسى مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەسىراتى ۋە شىگشىن بازىرى خوراتاغ كەنتىنىڭ چىراغ بايرىمى، لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ بازىرى داشى كەنتىنىڭ لوپنۇر تەمى كوچىسى قاتارلىقلار يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانماقتا، كورلا تەنتەربىيە باغچىسى، ئاق قۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىغا ھەر كۈنى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى، دۆڭقوتان يېزىسى خوئېرجا كەنتى ساياھەت بازىرى، گۈلباغ يېزىسى گۈلخان كەچلىك بازىرى قاتارلىقلارمۇ زور تۈركۈم ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.