باش بەت>شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار بايراملىق دەم ئېلىشتا ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بەردى

يوللانغان ۋاقىت:2020-05-07 20:13:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:پەرىدەم مەخەت مەسئۇل مۇھەررىر:ئاماننىسا ئابابەكرى

«شىنجاڭ گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى


5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساياھەتچىلەر يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دەنزىل بازىرىنىڭ بوغدا كەنتىدىكى ئوسما تېرىقچىلىق بازىسىدا سەيلە قىلماقتا.   (چۆ. خورە فوتوسى)

بۇ قېتىمقى «1-ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئىستېمال بازىرىدا باھار كېلىپ، گۈللەر ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى قويۇپ بېرىپ، قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، سېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىستېمال تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل قويۇپ بەردى.

ئىستېمال بېلىتىنىڭ تۈرتكە بولۇش نىسبىتى 15 : 1 تىن ئېشىپ كەتتى

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خاۋمېي تۇرمۇش تاللا بازىرىدا، ماسكا تاقىۋالغان خېرىدارلار پۇل ئېلىش ئورنىدا ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتاتتى.

«ھۆكۈمەت چىقىمدان ئارقىلىق ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇردى، تاللا بازىرىمىز ھەركۈنى چىقىمدان ئارقىلىق تاپشۇرۇۋالغان سومما 80 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە يېتىپ، تىجارەت سوممىسىنىڭ %35 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭغا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئېتىبار تەدبىرلىرىنىڭ جەلپ قىلىشى قوشۇلۇپ، خېرىدار ئېقىمى بايراملىق دەم ئېلىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %50 ئەتراپىدا كۆپەيدى» دېدى تاللا بازىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتىگە مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى ۋېي لىنا.

5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 3-قارارلىق ئىستېمال بېلىتىنى تارقاتتى. چىقىمدان سۇپىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24 كىچە، 3-قارارلىق ئىستېمال بېلىتىدىن جەمئىي 1 مىليون 960 مىڭ پارچە ئېلىنغان، ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ھېساباتتىن كۆتۈرۈۋېتىلگىنى جەمئىي 1 مىليون 950 مىڭ 200 يۈەن بولۇپ، ھاسىل قىلىنغان جەمئىي سېتىش سوممىسى 29 مىليون 316 مىڭ 800 يۈەن، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش نىسبىتى 1:15 تىن چوڭ بولغان.

ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنىڭ %80ىگە يەتتى

ياخشى سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتوموبىل سېتىش بازىرىمۇ جانلاندى. 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتوموبىل سېتىۋالسا قاتناش مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى، «1-ماي» مەزگىلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «بۇلۇت» ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە دوۋيىن، ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقىلىق توردا سۈپەتلىك ماركىلارنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، تور سىرتىدا ئاپتوموبىل سېتىشقا تۈرتكە بولدى. 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇيان، سېتىشقا پۈتۈشۈلگەن ئاپتوموبىل جەمئىي 3508 بولۇپ، سېتىش سوممىسى 544 مىليون يۈەنگە يەتتى.

5-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىر دۇڭفېڭ نىسسان بوۋاڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا، ئاپتوموبىل كۆرگىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن سېتىش مەيدانىغا كىرگەنلىكىنى كۆردى، بەزىلىرى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ بىۋاسىتە ھېس قىلدى، بەزىلىرى ئېتىبار تەدبىرلەر ھەققىدە مەسلىھەت سوراش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى، بۇ يەر ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.

«ھازىر كۈندە 30-20 ئاپتوموبىل زاكاز قىلىنىۋاتىدۇ، سېتىلىش مىقدارى ئەسلىگە كېلىپ ئىلگىرىكى يىللاردىكى 5-ئايدىكى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنىڭ %80ىگە يەتتى، ئاپتوموبىل سېتىش بازىرىنىڭ باھارى قايتىپ كەلدى» دېدى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ باش نازارەتچىسى جاڭ گوليەن مۇخبىرغا.

يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بايراملىق دەم ئېلىشتىكى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى

قەشقەر ئوتتۇرا-غەربىي ئاسىيا خەلقئارا سودا بازىرىدا قۇرۇق مېۋە، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولۇپ، تىجارەتچىلەر بىر تەرەپتىن باھا تالاشسا، بىر تەرەپتىن خېرىدار چاقىرىۋاتاتتى.

«بۇ يىللىق ‹1-ماي› دەم ئېلىش مەزگىلى ئۇزارتىلدى، ساياھەتچىلەر كۆپەيدى، سودىمىزمۇ كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.» تىجارەتچى ھەزرەت ئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قۇرۇق مېۋە دۇكىنىنىڭ بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 3000 يۈەندىن كۆپرەك بوپتۇ.

يېمەك-ئىچمەك كەسپى بايراملىق دەم ئېلىشتىكى ئىستېمالنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن قىزىپ كەتتى. كۆپ خىللىشىش، خاسلىشىش، سۈپەتلىكلىشىش ئىستېمالچىلار قوغلىشىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان پولۇ، ئادەمنىڭ يېگۈسىنى كەلتۈرىدىغان كاۋاپلار... 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، غۇلجا شەھىرى تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان جياڭفەنئېر تېز تاماقخانىسى ئادەملەر بىلەن تولغانىدى. «بىز پولۇ، لەڭمەن، سامسا قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىنى ئاساس قىلىمىز، 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئاشخانىمىزغا كېلىپ تاماق يەيدىغانلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، تىجارەت سوممىسى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن %10كە يېقىن ئاشتى، ئاشخانىمىزدا كۈندە دېگۈدەك 1000 يۈەنگە يېقىن ئىستېمال بېلىتى يىغىۋاتىمىز، بىزمۇ دېزىنفېكسىيە قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىككە خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام غىزالىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەردۇق!» دېدى جياڭفەنئېرنىڭ مەسئۇلى دۇڭ لياڭ.

قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولىدىكى بىنفېن گۈل بازىرىنىڭ مەسئۇلى جاڭ يەنمېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈندە گۈل بازىرىمىزنىڭ سېتىش سوممىسى «1-ماي» نىڭ ئالدىدىكىدىن %25 ئاشتى. «بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، گۈل-گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرىنى 20گە يېقىن كۆپەيتتۇق، ‹مارگىرىت› ‹ئايال پادىشاھ سۇسان› قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېتىم يېڭىدىن كىرگۈزدۇق، ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى» دېدى جاڭ يەنمېي.

(«شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ يۆ، جەزىرە نېسپبېك، راھىدە، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ ۋېن)